ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
ئېغىر كۈنلەردە چىداملىق بولۇش

ئېغىر كۈنلەردە چىداملىق بولۇش

«مۆمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق، ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ئۆزىگە ياخشى، ئۇنىڭ ھەممە ئىشى مۆمىندىن باشقا ھېچ بىرىدە يوق ئىش، ئەگەر مۆمىنگە خۇشلۇق يەتسە، ئۇ شۈكرى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا قىلغان شۈكرىسى ياخشىلىق بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيان يەتسە، سەبىر قىلىدۇ، ئۇنىڭغا قىلغان سەبرىسى ياخشىلىق بولىدۇ.»[1]

ئۈمىد، ئاراملىق، مەمنۇنلۇق، مۇھەببەت، روھى خاتىرجەملىك مۆمىننىڭ كۆڭلىدىكى ئەقىدە كۆچىتىنىڭ تەملىك مېۋىلىرىدىندۇر، ھايات كۆرۈشىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەس بايلىقتۇر. ھايات مۇشەققىتى ساناقسىز خەۋپ – خەتەر ۋە ئېغىرچىلىقلار بىلەن ئورالغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشتۇر. بۇ، دۇنيا ھاياتىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىنساننىڭ تەبىئىتى. بۇ ئىككى تەبىئەت بولغاچقا ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىدا ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. شائىر دۇنيا ھاياتىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

 

نىتەي، ئىنسان ۋۇجۇدۇڭ دۇغ ئۈستىگە يارالغان،

سۈزمەكچىسەن ئۇنىڭدىن دەرد – دۇغلارنى ھەر قاچان.

سەن كۈنلەرنى زورلايسەن باشقىچىراق ئۆتمەككە،

خۇددى يانسۇن دېگەندەك سۇ ئۈستىدە ئوت – گۈلخان.

 

بۇ، ئاللاھنىڭ ھاياتقا ئورتاق، ئىنسانلارغا ئايرىم بېكىتكەن قانۇنىيىتى بولۇپ، خۇسۇسەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەر دۇنيانىڭ ئاپەت ۋە دەرد - ئەلەملىرىگە ھەممىدىن كۆپ دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا چاقىرىدۇ، ئاسىيلىق تەرغىباتچىلىرى قارشى تۇرىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتكە چاقىرىدۇ، باتىلنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچىدۇ ... پەيغەمبەرلەر داۋاملىق مېھنەت ئىچىدە ياشايدۇ، سۇيىقەست ۋە ئازاب ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، ئادەم ۋە ئىبلىسنى، ئىبراھىم ۋە نەمرۇدنى، موسا ۋە پىرئەۋننى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ جەھىلنى مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ياراتقان، «شۇنىڭدەك (يەنى مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن بىر– بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە – مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن، (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ).»[2] «شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىنى دۈشمەن قىلغاندەك) ھەر بىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسىتىشكە يېتەرلىكتۇر.»[3]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قايسى كىشى بەك سىنىلىدۇ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: پەيغەمبەرلەر ئەڭ قاتتىق سىنىلىدۇ، ئاندىن قالسا تۆۋەندىكىلەر، ئۇلاردىن قالسا تۆۋەندىكىلەر، ئۇلاردىن قالسا تېخىمۇ تۆۋەندىكىلەر، ئادەم ئۆز دىنىغا قاراپ سىنىلىدۇ. ئەگەر دىندا مۇستەھكەم ئادەم بولسا قاتتىق سىناققا ئۇچرايدۇ، بوش ئادەم بولسا، بوشراق سىنىلىدۇ. ئاللاھ ئادەمنى دىنغا قاراپ سىنايدۇ، بەندە زېمىن ئۈستىدە مېڭىپلا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى بولمىسىمۇ بالادىن خالى بولالمايدۇ.»[4]



[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[2] ئەنئام سۈرىسى 112- ئايەت.

[3] فۇرقان سۈرىسى 31- ئايەت.

[4] تىرمىزى رىۋايىتى.

باشقا خىزمەتلەر