ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Eylül 2018

چىكىنىڭ
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات

 

 

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللام ھەققىدە بايانات

 

   مۇنەۋۋەر ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئوپچا ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بىرقانچە كۈن ئىچىدە خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ بىرىدە شېھىت قىلىنغانلىقى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى.

  ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۆز ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىدا ئېغىر يىللارنى ئۆتكۈزگەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.

  مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يولىدا خىتاينىڭ ئېغىر بېسىملىرىغا پىسەنت قىلماي، باشتا «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نى يېزىپ چىقىپ خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ بوشلۇقىنى تولدۇرغان. (مەزكۇر تەرجىمە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدىكى قىرال فەھىد قۇرئان ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئون نەچچە قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان) ئۇنىڭدىن باشقا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى» ناملىق مۇھىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزنىڭ ئىسلامغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلغان قەدىرلىك ئالىم بولۇپلا قالماستىن ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىم ئىدى. مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ماراكەش پادىشاھى ھەسەن سانى، مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇبارەك، قازاقىستان رەئىسى نەزەربايىفلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى خەلقئارالىق سەۋىيىدىكى يېتۈك ئالىمى ئىدى.

  خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقىمىزنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە قاماپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان نورمال ئۇچۇر ئالاقىنىمۇ تامامەن ئۈزۈپ تاشلاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ بىرى ئائىلىسىنىڭ ھايات-ماماتىدىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھتەرەم ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ قىزى ئالىمە نەزىرە خانىممۇ بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئېغىر ساراسىمىگە سالغان ئىدى. بۈگۈن بولسا مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە قىيىن-قىستاق ئاستىدا شېھىت قىلىنغان خەۋىرى كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم سەۋەبىدىن ۋەتەن بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە كىسىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئېنىق ۋە تەپسىلى مەلۇماتىغا ئىگە بولالمىدۇق، داموللامغا ئاللاھتىن شاھادەت، مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەيمىز.

  شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا دىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە جىددىي مەلۇمات تەلەپ قىلىشىنى ۋە دەرھال قويۇپ بېرىش توغرۇلۇق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى- ئىستانبۇل

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر