ھىجرىيە: | مىلادىي: 17 Eylül 2019

چىكىنىڭ
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى، تىز پۈكمەس ئوغلانى ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى، تىز پۈكمەس ئوغلانى ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات

 بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا خىتاي مۇستەملىكىچى كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نوپۇزلۇق ئۆلىماسى ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم، تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا 87 يېشىدا تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان.

مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم 2017 – يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا 5 – قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ نامەلۇم بىر جايغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئۇنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرى مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ 2017 – يىلى نويابىر ئېيىدا ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش خېتىنى تاپشۇرغان.

مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغۇل – قىزلىرى، كىيئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى 2017 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي مائارىپىغا ئاتىۋەتكەن بولۇپ، تاكى قولغا ئېلىنغۇچە بولغان كۈنگىچە ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە دىنىي ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى توختىتىپ قويمىغانىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ سەركىسى، ئەڭ مۇنەۋۋەر پائالىيەتچىسى، تىنىم تاپماس كۈرەشچىسى ئىدى. ئۇ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋاقتىنىڭ شۇنچىلىك قىسلىقىغا قارىماي، ئىلمىي خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان ۋە يازغانىدى.

مەخسۇم ھاجىم ئۆز ئەسلىمىسىدە يېزىشىچە، ھىجىرىيە 1351 – يىلى / مىلادىيە 1931 – يىلى قاراقاش شەھەر ئىچىدىكى داۋاكۆل مەدرىسەسىدە دۇنياغا كەلگەن (ئاتىسى بارات ئاخونۇم ئۇ دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆز دەۋرىدىكى مۇستەملىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارى شېڭشىسەي تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 1937 – يىلى تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان.(

مەخسۇم ھاجىم 1950-1958- يىللىرى قەشقەردىكى مەدرىسىلەردە ئىلىم تەھسىلاتىنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتقان ۋە ئارىدىن ئالتە ئۆتە - ئۆتمەيلا تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

1974- يىلى تۈرمىدىن چىقىپلا خوتەندە دەرس ئوقۇتۇشنى باشلىغان.

1979 - يىلى قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يىلغا يېقىن قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

2001 - يىلى ئوغلى ئابدۇرەئۇپ ھاجىم بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

2004 - يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى تالىپلارغا دەرس ئۆگىتىۋاتقان ئۆيدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، بەش يىلنى تاماملاپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۆيىدە نەزەربەنت ھاياتىدا ياشىغان.

 مەخسۇم ھاجىم ئاخىرقى قېتىم 2017 - يىلى نويابىردا 86 يېشىدا قايتا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدى- كەينىدە چوڭ ئوغلى ئابدۇرەئۇپ ھاجىم ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئائىلىسىدىكى بارلىق چوڭ - كىچىك كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك قولغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئۆلىماسى ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنى 86 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي، ھېچقانداق جىنايى پاكىت كۆرسەتمەستىن قولغا ئېلىش، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋېتىش، ھەتتا ئۆلۈم خەۋىرىنىمۇ ئالتە ئايدىن كېيىن تۇققانلىرىغا يەتكۈزۈشتەك بۇ پولاتتەك ئەمەلىيەت، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇمىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىك پاكىتتۇر. 

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇنمۇ قەشقەردە ئابدۇلھەمىد داموللا ھاجىم، ئۈرۈمچىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، خوتەندە قەمبەر داموللام قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئۆلىمالار خىتاي زىندانلىرىدا شېھىد قىلىندى. ھېلىھەم يۈزمىڭلارچە گۇناھسىز خەلق خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېغىر زۇلۇم كىشەنلىرى ئىچىدە جان تالاشماقتا.

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە بۇنداق ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ىسلام دۇنياسىنى، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى،  تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى، دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكىدەك تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان بۇ زۇلۇملار ئالدىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، بارلىق خەلقىمىزگە ۋە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا جانابى ئاللاھتىن كۈچلۈك سەۋر، ماتانەت، تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە ئۈمىد تىلەيدۇ.

ئاللاھ ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن، ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.. ئامىين!!

»ئىننالىللاھ ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن«

 ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر