ھىجرىيە: | مىلادىي: 26 Kasım 2020

چىكىنىڭ
ئۇيغۇر تەشكىلات ھەيئىتى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر تەشكىلات ھەيئىتى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئاكادېمىكلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 15- سىنتەبىر تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنى(YÖK) زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، قەھرىمان ماراش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، د ئۇ ق باش كاتىپى ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەتنى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پىروفېسسور، دوكتور رامى ئەر ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. 

ھەيئەت زىيارىتىدە شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاكادېمىك ئوقۇش باسقۇچلىرىدا دۇچ كەلگەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا مەزكۇر مەسىلىلەرنى قانداق ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى. ئاخىرىدا ھەيئەت دوكتور رامى ئەر ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن لەۋھە تەقدىم قىلدى.

http://turkistantimes.com/uy/news-13556.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر