ھىجرىيە: | مىلادىي: 13 Aralık 2018

چىكىنىڭ
ئۇيغۇر ئۆلىمالار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەلقئارالىق يىغىندا

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەلقئارالىق يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

    19-مارت سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەككە مۇكەررەمەدە «شەرىئەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئازغۇن ئېقىملار» تېمىسى ئاستىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» ھەيئىتىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قانتاشتى.

     دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىسلامىي تەشكىلاتلاردىن بىرسى بولغان «ئىسلام دۇنياسى بىرلىكى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەككە مۇكەررەمەدە، ئىسلام فىقھى كومتېتى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرىئەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئازغۇن ئېقىملار» تېمىلىق يىغىنغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نوپۇزلۇق ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئىلغار دىنىي ئۆلىمالار، ئاتاقلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام ئالىملىرى قاتناشقان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نامىدىن، بىرلىك رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، مۇئاۋىن رەئىس ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى ۋە قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى قاتارلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى يىغىن جەريانىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىسلام ئالىملىرى بىلەن ئايرىم ھەمدە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ۋەزىيەت ۋە دىنىي بېسىملار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئاڭ-سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك دىنىي خىزمەتلەر شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

    سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەككە مۇكەررەمەدە 19- مارتتا باشلانغان يىغىن 21 -مارتتا ئاخىرلىشىدۇ.

 

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر