ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Haziran 2018

چىكىنىڭ
ئۇيغۇر ئۆلىمالار دۇنيا ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ئىپتاردا

2017 -07-06 – كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئالىملىرى بىرلىكى ۋە تۈركىيە سۈننى ئالىملار بىرلىكنىڭ ئىپتار پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزالىرىدىن دۇكتۇر مۇھەممەت ئېلى قارىم، ئۇستاز ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ۋە نىزامىدىن تەمكىنى قاتارلىق ئۇستازلار  تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.  بۇ پروگراممىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە تۈركىيە ئىچىدىن بولۇپ 450 مەشھۇر شەخسلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئىپتار پروگراممىسى جەريانىدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە يۈز بىرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەر قىلىندى. ئاخىرىدا دۇنيا مىقياسىدا ئىزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى. 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر