ھىجرىيە: | مىلادىي: 26 Haziran 2019

چىكىنىڭ
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ھەمكارلىق زىيارىتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ھەمكارلىق زىيارىتى

 

2018- يىلى 3- ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەخمەتجان پولات، دوكتۇر پەرھات تەڭرىتاغلى ۋە نۇردۇن ئەينىدىن قاتارلىق ئەپەندىلەردىن تەشكىل قىلغان بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى. 


زىيارەتچى ھەيئەتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات، تەپتىش رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنىي ۋە سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداشلار كۈتىۋالدى ۋە قىزغىن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 


سۆھبەت جەريانىدا، ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئۆلىمالار بىرلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەمكارلىشالايدىغان خىزمەتلەر ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوقۇش ياردىمى بىلەن نوقتىلىق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. كونكرىت ھەمكارلىق پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئۇلى تىكلەندى. قەرەللىك ئۇچرۇشۇش ئارقىلىق بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ خىزمەت قىلىش قارارى ئېلىندى. بۇ ئۇچرۇشۇش مىللىتىمىز ئۈچۈن خەيىرلىك بولغۇسى.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر