ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

مۇھەممەد يۈسۈپ 1968- يىلى خوتەن ۋىلايىتىىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا قارىيلىققا كىرىشكەن بولۇپ، كىچىك يېشىدىلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان. 1984 - يىلى ناھىيىلىك چوڭ جامىدە تۇنجى خەتمىنى ئوقۇغاندا كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغىغان.

1984- ۋە 1985-يىللار ئارىسىدا يوشۇرۇن مەدرىسەدە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشكە باشلاپ، دەسلەپكى ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، 1986 - يىلى 6- ئايدا چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىش مەقسىتى بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋە شۇ يىلى ھەج پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، مىسىرغا ئوقۇشقا كەتكەن.

1986-يىلى9-ئايدا مىسىر ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ تەييارلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. تولۇقنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقىنى ئوقۇپ بولۇپ، مۇسابىقە ئارقىلىق تۆتىنچى يىللىققا ئاتلىغان. شۇنداق قىلىپ 4 يىللىق تولۇق ئوتتۇرىنى 3 يىلدا پۈتتۈرگەن.

1989 - ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، 1993- يىلى تاماملىغان.

1993 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1995 - يىلىنىڭ بېشىغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى «ئۈسكۈدار رايونلۇق قۇرئان يادلاش مەدرىسەسى»دە ئەرەب تىلى ۋە قىرائەتتىن دەرس بەرگەن.

1995 – يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى«قازاق-تۈرك ئىنىستتوتى»دا ئەرەب تىلىدىن مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە « يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە نۇرغۇن ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان.

2001 - يىلىدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىككى قىز، ئىككى ئوغۇل، تۆت بالىنىڭ دادىسى، يىگىرمە پارچىدىن كۆپرەك ئىسلامىي كىتاب يېزىپ نەشر قىلدى 16 يىلدىن بۇيان « تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىرگە ئىشلەۋاتىدۇ.