ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Eylül 2018

چىكىنىڭ
ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركسىتان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن 1966-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1983 -يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە شاياردىكى يەر ئاستى دىنى مەكتەپلەردە دىنى تەلىم-تەربىيە ئالىدۇ.

    ئۇستاز تۇرغۇنجان  1985-يىلدىن 1987-يىلغىچە قەدەر قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە قەشقەردە ئەبەيدۇللاھ داموللام، ئابدۇرىشىت قاراجىملاردا يۇقىرىقى سەۋىيە دىنى تەلىم-تەربىيە ئالغان. 1988-يىلدىن 1989-يىلىغىچە مەككە مۇكەررىمىدە ئابدۇررەقىب قاراجىمدا خۇسۇسىي دەرس ئالغان.

    ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن تېخىمۇ سىستېمىلىق بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن 1989-يىلى مىسىرغا كېلىپ 1999-يىلىغىچە مىسىردا ياشايدۇ ۋە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1999-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىگە يەرلىشىدۇ ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى يېتەكچىسى سۈپىتىدە دىنى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇستازنىڭ ھازىرغا قەدەر نەچچە ئون پارچە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

    ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېچىلغان ئىسلامى قۇرۇلتايلارغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كەلمەكتە.

   ئاللاھ تائالادىن ئۇستازنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.

 

ئۆلىمالىرىمىز