ھىجرىيە: | مىلادىي: 17 Eylül 2019

چىكىنىڭ
ئۆلىمالارنىڭ مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرى

ئۆلىمالارنىڭ مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرى


(2018- يىلى 17- ۋە 19- ئىيۇل ئارىلىقىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چوڭ يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)
مۇھەممەد يۈسۈپ


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۆلىما قېرىنداشلىرىم. ھەممىڭلارغا جانابى ئاللاھ تائالادىن زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە كاتتا ئۇتۇق تىلەيمەن. تۆۋەندە مەن سىلەردىن بىر قانچە مەسىلىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن:

1. ھەربىر ئۆلىما ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق بايدىلىنىش، بۇ ۋاسىتىلەرنى ئىسلامىي دەۋىتى ئۈچۈن قوللىنىش. ھەممىگە مەلۇمكى، دۇنيا تەرەققىي قىلدى، ئۆتمۈشلەردىكىدەك نۇقۇل دەۋەت قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەنلا كۇپايىلىنىش دەۋرى ئاللىبۇرۇن تۈگەپ كەتتى. ھازىر دەۋەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى زامانغا ۋە ئىنسانلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە مۇناسىپ ھالدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا، بىلمىگەنلەر ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىنسان غەيرەت قىلسا ۋە كۆڭۈل قويسا، قىلالمايدىغان ئىش يوق. شۇڭا ھەربىر ئۆلىمانىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان بۇ پەن- تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى بولغان بۇ ئىسلامىي دەۋەتنى جانلاندۇرۇشىنى سورايمەن.

2. توپلارغا، تورلارغا يوللىغان يازغا ۋە ئاۋاز قاتارلىقلارنى ھەممە ئۆلىما ئۆز ئىسمىدا يوللىشى، ئەگەر باشقىلارنىڭكىسىنى يۆتكەپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىپ قويۇشى لازىم. بۇ ھەربىر ئۆلىما بىلىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي بىر ساۋات. بۇ ئامانەت مەسىلىسىدۇر. چۈنكى دۇنيادا ئاپتورسىز ئەسەر بولمىغاندەك، ھەرقانداق ئادەم ئۆزى يازغان يازمىسىغا ياكى سۆزلىگەن نۇتىقىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى لازىم. بىر ئۆلىما ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىگە ئەركەك ياكى چىشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتە ئىسىملارنى قويۇۋېلىپ خەلققە بىر دىننى يەتكۈزىمەن ياكى ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ يەتكۈزگەن نەرسىلىرىنىڭ ۋە دەۋىتىنىڭ قىلچە ئېتىبارى ياكى قىممىتى بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئاپتورغا قاراپ ئەسەرگە باھا بېرىدىغان بولۇپ قالغان. ئادەتتە بىز كىتاب سېتىۋالماقچى بولساقمۇ، ئاپتورىغا قاراپ سېتىۋالىمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلماي كىتابنىڭ ئىسمىغا قاراپلا ئۇنى سېتىۋالغاندا كۆپ ھاللاردا بۇنداق كىتابلار بىز ئىزدىگەن كىتابلاردىن بولماي قالىدۇ. ئۆلىما ئۆزىنىڭ ئوقۇغان ۋە بىلگەن نەرسىلىرىنى خەلقىگە يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە يۈكلەنگەن شەخستۇر. ئۆلىمانىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، تونۇلۇشى ۋە خەلقى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ كۆۋرۈكى سېلىشى كېرەك. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئۆزىنى خەلقىدىن يوشۇرۇپ، ئاتىسى ئەزان چاقىرىپ قويغان بىر چىرايلىق ئىسمىنى يوشۇرسا، ئوتتۇرىغا چىقىشتىن، خەلقىگە تونۇلۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئىلمىي ئامانەتنى ۋە مەسئۇلىيەتنى قانداق ئادا قىلالايدۇ؟ ھازىرقى شارائىتتا بەزى ئۆلىمالىرىمىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى يوشۇرىدۇ؟ ئۇلار نېمىدىن ئېھتىيات قىلىدىغاندۇ؟ ھازىر ئېھتىيات قىلىپ، ئۆيگە يوشۇرۇنۇپ ياتىدىغان زامانمۇ؟ بۇنى ھەربىر ئۆلىما ئويلاپ كۆرسۇن!

3. ئۆلىمالار بىر-بىرىنىڭ يوللىغان نەرسىلىرىنى ئورتاقلىشىشى ۋە تارقىتىپ قويۇشى لازىم. چۈنكى ئۆلىمالار مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ئۈلگە بولىدىغان زاتلار بولغانلىقتىن، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار» دېگەن ئەمرىگە بىرىنچى بولۇپ ئەمەل قىلىشى، ئەمەل قىلغاندىمۇ تولۇق ئەمەل قىلىشى لازىم. شۇڭا، ھەربىر ئۆلىمانىڭ يەنە بىر ئۆلىما قېرىندىشى يوللىغان نەرسىلەرنى — ئەگەر تارقىتىشقا مۇناسىپ بولسا— تارقىتىپ قويۇشى ۋە ئۇنىڭغا يۈرەك ئىشارىتىنى بېرىشى ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش بابىدىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپتۇر. بۇ مەسىلىدە قاتتىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش يوللىماقچى بولغان نەرسىنى ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن يوللىشىمىز كېرەك.

4. ھەربىر ئۆلىما ۋاقىتقا رىئايە قىلىشتا، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىشتا ۋە ئىنتىزامچانلىقتا ئالدىنقىلاردىن بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئىقتىساد ۋە تىجارەت ساھەسىدە «ۋاقىت — پۇل»دۇر. ئەمما مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا «ۋاقىت—ئىبادەت»تۇر. ئىسلام پەرزلىرىدىن ناماز، زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ھەربىر مۇسۇلمانلارغا ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئىنتىزامچانلىقنى ئۆگىتىدۇ. ئەكسىچە، ئىشلارغا «تېخى ۋاقتىم بارغۇ» مۇئامىلىسىنى قىلىپ، ئىشلارنى كېچىكتۈرۈپ قىلىدىغان ئادەم نۇرغۇنلىغان ياخشى پۇرسەتلەرنى ۋە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى قولىدىن بېرىپ قويىدۇ. مۇنداق ئادەم ھەممە ئىشنى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتقا بەلگىلىۋالغانلىقتىن، ئىشلارنى ئالدىراپ تېنەپ قىلىپ قويىدۇ، ھېچقانداق ئىشتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمايدۇ. ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمان ئارىسىدا ئومۇملاشقان ۋاقىت ئىسراپچىلىقى باشقا ھەرقانداق ئىسراپچىلىقتىن ئېشىپ كېتىدۇ. كىشىلەر بىراۋنىڭ مال _ مۈلكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان ئادەمنى «ئوغرى» دەيدۇ ۋە ئۇنى يامان كۆرىدۇ. ئەپسۇسكى، كىشىلەرگە ۋەدە قىلىپ قويۇپ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، كىشىلەرنى ساقلىتىپ قويۇپ ۋاقتىدا كەلمەي ئۇلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك دەسمايىسى بولغان ۋاقتىنى يەنى ئۆمرىنى ئوغرىلايدىغان ۋاقىت ئوغرىلىرىنى ھېچكىم ئەيىبلىمەيدۇ. مېنىڭچە، ۋاقىت ئوغرىسى مال ئوغرىسىدىن ياماندۇر.

5. كامالەتنى ئۆزىمىزدىن تەلەپ قىلىپ، باشقىلارنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. يەنى ھەربىر ئۆلىما ئەمەل– ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتا، ئەخلاق- پەزىلەتتە، يۈرۈش – تۇرۇشتا ۋە گەپ- سۆزلىرىدە ئەلۋەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئەمما ئۆزىدىن كۈتكەنلەرنى باشقىلاردىن كۈتمەسلىك، باشقىلارنى «ئۇلار نېمىشقا مەندەك بولمايدۇ؟» دەپ، ئۇلاردىن ئاغرىنماسلىقى لازىم. چۈنكى بىزدە «بەش قول تەڭ ئەمەس» دەيدىغان ھېكمەت بار. شۇڭا، ئۆلىما كەڭ قورساق، ئەپۇچان، سەۋرچان بولۇشى لازىم.

6. ھەربىر ئۆلىما يېزىقچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، بىلگەنلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشقا تىرىشىشى لازىم. چۈنكى لېكسىيە، ئاغزاكى دەۋەت قاتارلىق ئىشلارمۇ ناھايىتى مۇھىم دەۋەت ئۇسۇللىرىدۇر. ئەمما كىتاب قالدۇرۇشقا يەتمەيدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئاڭلىغان خۇتبىلىرىنى، لېكسىيەلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، ئەمما كىتابلارنى ساقلايدۇ. ئۆزى ئوقۇمىسىمۇ، بالىلىرى ئوقۇيدۇ. ۋەتىنىمىزگە ئىسلام كىرگەنگە مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا مىڭلارچە يېتۈك، ئالىم، ئۆلىمالار ئۆتكەنلىكىدە شەك يوق. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىسمىنى ئاتىيالايدىغانلىرىمىز بارماقتا سانىغىلى بولغۇچىلىك ئاز كىشىدۇر. مەسىلەن: بىز مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىب، سەدىدۇددىن كاشغەرىي، ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىق ئالىملىرىمىزنى ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى ئارقىلىقلا بىلدۇق. يەنە مىڭلىغان يېتۈك ئالىملىرىمىز قۇملۇققا سىڭىپ كەتكەن سۇدەكلا تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار بىرەر ئەسەر قالدۇرمىغان. 

7. زالىملاردىن باشقا بىرەر دۆلەتنى ياكى بىرەر مۇئەسسەسەنى ۋە ياكى بىرەر جامائەتنى سۆككەن يازمىلارنى، ئاۋازلارنى ۋە ھەجۋى رەسىملەرنى تارقاتماسلىق لازىم. چۈنكى ئىسلام دۆلەتلىرى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر. مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردىكى ئىنسانلار بىزنىڭ ئىنسانلىقتىكى دوستلىرىمىزدۇر. دۇنيانى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋېلىشتىن بىزگە قىلچە پايدا يوق. شۇڭا بۇنداق قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك.

8. بىز ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ئاتلىنىپ چىققان چېغىمىزدا، ياخشى ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇزۇن يىللار ئاسارەتتە قالغانلىقتىن، ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ روھىدىن يىراق ياشاپ كەلگەن خەلقىمىزگە ئىلىم- مەرىپەت ئۆگىتىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىپ چىققان ئىدۇق. ۋەتەنگە قايتالمىغان بولساقمۇ، ئاللاھ تائالا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى ئالدىمىزغا ئەۋەتىپتۇ. ھازىر تۈركىيە ئون مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشاپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەربىيىلىنىشكە موھتاج، دىنىي تەلىم ئېلىشقا موھتاج. بىزنىڭ ئالدىنقى مەسئۇلىيىتىمىز مۇشۇ پەرزەنتلەرگە ئۆگىتىش، ئۇلارنى دىيانەتلىك، ۋەتەنپەرۋەر ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىشىغا ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ چىقىشتۇر. ھەربىر ئۆلىما بۇ ساھەدە قولىدىن كەلگەنچە خىزمەت قىلالايدۇ. شۇڭا بۇ ۋەزىپىمىزگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. ھازىر بىز ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە خىزمەت قىلالمىدۇق، ئۇلارغا دىننى ئۆگىتەلمىدۇق دەپ ئۆزرە بايان قىلالىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى بىز ئۇ يەرگە بارالمايمىز. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىزمەت قىلماسلىقتا ئۆزرىمىز يوق، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ بولسىمۇ، ئۇلارغا دىننى ئۆگەتمەسلىككە ئۆزرىمىز يوق. ئەگەر بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىساق، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئاقلىيالمايمىز.

9. «مەرىپەت ژۇرنىلى» چەتئەللەردە ھەرقايسى ئىلىم ساھەلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ۋە ئىلىم ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاش نىيىتى بىلەن تەسىس قىلىنغان بىردىنبىر ژۇرنال بولۇپ، بۇ ژۇرنال 2003- يىلىدىن بېرى چىقىشقا باشلىغان. ئىزچىل 9 سان چىقىپ بولغاندىن كېيىن، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قېلىپ، 2015- يىلىدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ژۇرنال پەسىللىك بولۇپ، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي ساھەلەردە قىممەتلىك ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»گە ئەزا بارلىق ئۆلىما قېرىنداشلىرىمزنىڭ بۇ ژۇرنالغا ماقالە ئەۋەتىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى بۇ ژۇرنال چەتئەللەردىكى ئىلىم ئەھلى بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا تەييارلانغان بىر سەھنە، بىر مەيدان. ئوقۇغان بىلىملەرنى تارقىتىش ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە بىرەر سەھنە ۋە بىرەر مەيدان كېرەك. مانا سىلەرگە سەھنە ھازىر، مەيدان ئوچۇق. ئەمدى گەپ سىلەردە قالدى. قەدىرلىك ئۆلىما قېرىنداشلىرىم! بىلگەنلىرىڭلارنى يېزىڭلار. ھېچكىم يازالايدىغان بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، تىرىشىپ، تىرمىشىپ چېنىقىش جەريانىدا يازالايدىغان بولىدۇ. ئۆلىمالار چوقۇم يازالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشى ۋە ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.
10. ئۆلىمالار بىر-بىرىنى قوغدىشى لازىم. بىرلىرى بىرەر ئۆلىما قېرىنداشنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تىللىسا، ھاقارەتلىسە، ئەيىبلىسە، باشقا ئۆلىمالارنىڭ «مېنى تىللىمىغاندىكىن» دەپ سۈكۈتنى ئەۋزەل كۆرۈشى، ئۆزىنىڭ بىر سەپتىكى ئۆلىما قېرىندىشى ئۈچۈن بىرەر ئېغىز ھەق سۆزىنى ئېيتىشتىن بېخىللىق قىلىش ئۆلىماغا ئەمەس، ئادەتتىكى مۇسۇلمانغىمۇ ياراشمايدىغان سەلبىيلىكتۇر. بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ «ياخشى ئىشقا، تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار» دېگەن ئەمر-پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. چۈنكى گۇناھقا، دۈشمەنلىككە سۈكۈت قىلىش شۇ گۇناھقا، شۇ دۈشمەنلىككە ياردەملەشكەنلىك بىلەن تەڭدۇر. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئارىسىدا بولغىنىدەك بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆلىمانىڭ ھەربىر ئىشىدىن، ھەربىر سۆزىدىن پۇتاق چىقىرىشقا ئۇرۇنىدىغان، ئەيىب ئىزدەشكە، كەمچىلىك تېپىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىنسانلار ئاز ئەمەس. مۇنداقلارنىڭ بەزىسى ھەسەت قىلىپ شۇنداق قىلساق، بەزىسى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىشى مۇمكىن. لېكىن سەمىمىيەت بىلەن شۇنداق قىلىدىغانلار چىقمايدۇ. چۈنكى سەمىمىي تەنقىد كىشىنىڭ ئۆزىگە يالغۇز قىلىنىدۇ. بىراۋنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تەنقىد قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئۇنى سېسىتماقچى بولغانلاردۇر. ئۆلىمالار سەمىمىي تەنقىدنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشى لازىم. ئەمما ناھەقچىلىككە، ئورۇنسىز ئەيىبلەشلەرگە سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ.

 

باشقا خىزمەتلەر