ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Nisan 2021

چىكىنىڭ
ئىسلام ۋە پاكىزلىق مەدەنىيىتى

ئىسلام ۋە پاكىزلىق مەدەنىيىتى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

1. ئىسلامدىكى پاكلىق ۋە پاكىزلىقنىڭ ماھىيىتى

پاكلىق ئىسلام تەسەۋۋۇرىدا ئىماننىڭ كۆرۈنەرلىك نامايەندىسىدۇر، ئەخلاقنىڭ جەۋھىرىدۇر، ئىنسانلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ۋاسىتىسىدۇر، دۇنيا - ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدۇر، ھەمدە مەدەنىيەتلىشىش ۋە تەرەققىيات يارىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر.

پاكلىق ۋە پاكىزلىقنىڭ ماھىيىتى ئەقىدىنى كۇپۇرلۇق ۋە خۇراپاتلاردىن، ئەقىلنى ئاڭسىزلىق ۋە بىپەرۋالىقتىن، ئىدىيەنى ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىغا زىت پىكىرلەردىن، ئەخلاقنى ناچار قىلمىشلاردىن، قەلبنى غەپلەت ۋە ھەسەتخورلۇقتىن، تىلنى پىتنە– ئىغۋا، غەيۋەت  ۋە بولمىغۇر سۆزلەردىن، قەلەمنى يالغان ۋە ياۋىداقسۆز- چۆچەكلەردىن، قورسىقىنى ھارام يەپ سېلىشتىن، بەدەن ۋە كيىم - كېچەكلىرىنى كىرلىشىپ قېلىشتىن پاك تۇتۇش، ئۆي، ھويلا، مەسجىد، مەھەللە ۋە يوللارنى پاكىز تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.

چۈنكى، ئىسلام پاكلىق ۋە پاكىزلىق دىنىدۇر، پاكلىق ۋە پاكىزلىق ئىبادەتتۇر، پاكلىق ۋە پاكىزلىق ئېسىل ئەخلاقتۇر، پاكلىق ۋە پاكىزلىق مەدەنىيەتلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن[1].

بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى پاكلىق ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرغان، شۇنىڭدەك، ئۇنى ئىسلامنىڭ شوئارلىرىدىن بىر شوئار ۋە پەرزلىرىدىن بىر پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن، ھەمدە پاكلىق ۋە پاكىزلىقنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنىڭ تەقەززاسى دەپ بېكىتىكەن ۋە مەنىۋى پاكىزلىقنىڭ ھېسسى پاكىزلىقتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا، كىيىمىڭنى پاك تۇت»[2]، دېگەن.

ئىسلام پاكىزلىقنى تاھارەت دەپ ئىپادىلىگەن، پاكىزلىقنى ئىمان دەپ سۈپەتلىگەن، پاكىزلىقنى ئىبادەت دەپ بەلگىلىگەن، ھەمدە جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە قەلبى ۋە بەدىنى پاك كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى، پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ»[3].

ئىسلام قەلبنىڭ پاكىزلىقى بىلەن بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەقىدىسى پاك، ئىبادەتلىرى پاك، ئىدىيەسى پاك، چۈشەنچىسى پاك، ئىستىلى پاك، قەلبى پاك، تىلى پاك، يىمەك- ئىچمەكلىرى پاك، سىرتقى كۆرۈنۈشلىرى پاك ۋە ھاياتى پاك مەدەنىيەتلىك بىر ئۈممەتنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

دېمەك، ئىسلام دىنى پاكلىق ۋە پاكىزلىقنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىپ كۆرسەتكەن، چۈنكى ئىسلام دىنى بەدەن، كېيىم- كىچەك ۋە مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى قەلبنىڭ پاكلىقىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلە قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)»[4]

 بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي پاكىزلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە پاكىزلىقنى ئەقىدە بىلەن چېتىشلىق ئىمان مەسىلىسىگە باغلىغان، شۇڭا پاكىزلىققا رىئايە قىلغانلار ساۋابقا ئېرىشسە، رىئايە قىلمىغانلار گۇناھكار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاكىزلىقنىڭ ئىمان بىلەن چېېتىشلىق ئىكەنلىكنى بايان قىلىپ: «ئىماننىڭ تارماقلىرى يەتمىش قانچىدۇر، ئىماننىڭ يۈكسەك پەللىسى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمى كوچىلاردىكى ئەخلەت ياكى زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى تازلىۋېتىشتۇر، ھايا قىلىش ئىماننىڭ بىر تارمىقىدۇر» دېگەن[5].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاممىۋى پاكلىق ۋە پاكىزلىققا قىزىقتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىدىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى سۆيىدۇ. سېخىدۇر، سېخىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، سىلەر ھويلا - ئارامنى پاكىز تۇتۇڭلار، يەھۇدىلارغا ئوخشاپ قالماڭلار»[6]. پەيغەمبىرىمىز ئۆينىڭ ھويلىسىنى پاكىزلاشقا شۇنچىۋېلا ئەھمىيەت بەرگەن يەردە، ئەلۋەتتە ئۆينىڭ ئىچىنى پاكىز تۇتۇشقا ۋە ئۆيدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ نەپسىنى پاكلاشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدا شەك يوق، چۈنكى جانابى ئاللاھ قەلبنىڭ، روھنىڭ، ۋىجداننىڭ ۋە بەدەننىڭ پاكلىقىنى ۋە پاكىزلىقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇسۇلمانلارنى چىرايلىق ۋە رەتلىك كېيىنىشكە بۇيرۇپ: «سىلەر قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىسىلەر، مىنگەن نەرسەڭلارنى رەتلىۋېلىڭلار، كىيىم - كېچەكلىرىڭلارنى تۈزىتىۋېلىڭلار، پاكلىق ۋە پاكىزلىق جەھەتتە كىشىلەر ئارىسىدا مەڭدەك ئالاھىدە بىلىنىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ يامان سۆز ۋە يامان قىلىقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن[7].

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئەر- ئايال مۇسۇلمانلار ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا تەقى- تۇرۇقىغا سەل قارىساياكى تۇرمۇشنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرمىسە توغرا بولمايدۇ. ئاڭلىق مۇسۇلمان دېگەن روھىنىڭ، ئەقلىنىڭ ۋە جىسمىنىڭ تەلەپلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ھەممىسىنى تەڭ تۇتۇپ ياشايدۇ، ھەممىسىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، بىر تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈپ، يەنە بىر تەرەپكە سەل قارىمايدۇ.

2. مەنىۋى پاكلىق مۇسۇلماندىن نېمىلەرنى تەقەززا قىلىدۇ؟

ئىنساننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى پاكىزلىشىمۇھىم بولسا، قەلبىنى پاكىزلىشى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمدۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى گۈزەل بولغان بىلەن قەلبى پاك بولمىسا، ئۇ ئىنساندىن باشقىلارغا ياخشىلىق كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ توغرا پىكىر قىلىشى، توغرا ئىش-ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى قەلبنىڭ پاك بولۇشىغا باغلىقتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنىڭ تەقى-تۇرقۇڭلارغا ۋە مال-مۈلۈكىڭلارغاقارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئىش- ھەرىكىتىڭلارغا قارايدۇ» [8]

بەدەن ۋە كىيىم- كېچەكنى سۇبىلەن پاكىزلىغىلى بولغان بىلەن،قەلبنى پاكىزلىغىلى بولمايدۇ. قەلبنىڭ پاكىزلىقى جانلىق ئەقىدە، ساغلام ئىبادەت، توغرا ئىدىيە ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولۇش ھەمدە ھەرتۈرلۈك شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ياخشى ئىش - ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە قەلبىنى ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت پەلسەپىلەردىن، ئىسلام ئىدىيەسىگە زىت ئىدىيەلەردىن، ھەمدە ئەخلاقىنى ئاداۋەت، ھەسەت، يالغانچىلىق ۋە ساتقۇنلۇققا ئوخشاش ناچار قىلىقلاردىن تازىلاش ئارقىلىق پاكلىغىلى بولىدۇ.

قەلب ئىنسانغا نىسبەتەن ئىسلاھ قىلىشقا ۋە پاكىزلاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئەزا ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبىرىمىز قەلبنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە موتۇرنىڭ رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «قەلب تۈزەلسە بەدەننىڭ ھەممىسى تۈزىلىدۇ، قەلب بۇزۇلسا بەدەننىڭ ھەممىسى بۇزۇلىدۇ» دېگەن[9]

مۇسۇلمان قەلبىنى پاكلىغاندا، قىلغان ھەربىر ئىش - ھەرىكىتىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلغان ھەرقانداق ياخشى ئىش ۋە پائالىيەتلەرنى بىرەرسىنىڭ ماختىشىغا ياكى تەقدىرلەپ ئالقىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلمايدۇ، ياكى بولمايدۇ بىرەر ماددىي مەنپەئەتكە ئېرشىشنى كۆزلىمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىش سەمىمىيەت ۋە ئىخلاسنى تەقەززا قىلىدۇ.

قەلبىنى پاكلىغان بىر مۇسۇلمان  بىرىنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، يامان كۆرسە، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. مانا بۇ قەلبنىڭ پاكلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

قەلبى پاك مۇسۇلمان ھەر زامان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سەمىمىي ۋە دۇرۇست بولىدۇ، قېرىنداشلىرى ئېرىشكەن ھەر تۈرلۈك نېمەتلەرگە ھەسەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە  ئۆزىگە ياخشىلىق كەلگەندەك خۇرسەن بولىدۇ، چۈنكى بىر مۇسۇلماننىڭ باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىقنى ياخشى كۆرۈشى ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «سىلەرنىڭ قايسىبىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىنى قېرىندىشىڭلارغا ياخشى كۆرەلىگۈدەك سەۋىيەگە يەتمىگۈچە مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن[10] .

قەلبى پاك مۇسۇلمان ھېچبىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ، چۈنكى بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننى تۆۋەن كۆرۈشى ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى تۆۋەن كۆرۈشى گۇناھ جەھەتتە يېتەرلىكتۇر»[11].

قەلبى پاك مۇسۇلمان باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبرىسى بار ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېگەن [12] سۆزىنى بىلىدۇ.

قەلبى پاك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىش -  ھەرىكەتلىرىگە قارىتا -ئېنىق خاتا بولمىسا - ياخشى ئويدا بولىدۇ، يامان گۇمان قىلمايدۇ، بەلكى مەن بىلمەيدىغان سەۋەبلەر باردۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر» دېگەن[13].

قەلبى پاك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا سالام قىلىش ۋە ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشقا ئالدىرايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا سالام قىلىپ، قەلبىنى خاتىرجەم قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «سىلەر مۇئمىن بولمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا بىر - بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگۈچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، سىلەرنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا باشلاپ قويايمۇ؟ سىلەر ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار» دېگەن[14]. ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ يولى ئۆزئارا سالاملىشىپ تۇرۇش ۋە ئۆزئارا خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرۇشتۇر.

مۇسۇلمان قەلبىنى پاكلىغاندا، تىلى پاكلىنىدۇ ۋە ياخشى گەپ -سۆزلەردىن باشقىسىنى قىلمايدىغان، شۇنىڭدەك گەپ – سۆزلىرىنى شەرىئەت تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچەيدىغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «كىم ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنسە، ياخشى گەپ-سۆز قىلسۇن، ياكى گەپ- سۆز قىلماي سۈكۈت قىلسۇن» دېگەن[15].

مۇسۇلماننىڭ تىلىنىڭ گۈزەل بولۇشى ياكى بۇزۇق بولۇشى ئۇنىڭ قەلبنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ياكى كېسەل ئىكەنلكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىي تۈزۈلمىگۈچە، ئۇنىڭ ئىمانىي ساغلام بولمايدۇ، تىلى تۈزۈلمىگۈچە، قەلبىي ساغلام بولالمايدۇ» دېگەن [16]. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، تىلى بۇزۇق ئىنسانلارنىڭ قەلبىي ھەسەتخورلۇقتىن ياكى ئاداۋەتتىن ياكى غەيۋەتتىن خالىي بولمايدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىشى ۋە ئىسلاھ قىلىشىمۇ قەلبنى پاكلاشنىڭ تەقەززاسىدۇر، چۈنكى جانابى ئاللاھ: «ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتىڭلارنى ياخشىلاڭلار» دېگەن[17].

ئاللاھ قەلبىنى ئاداۋەت ۋە ھەسەتتىن پاكلىغان كىشىلەرنى مەدھىيلەپ، مۇنداق دېگەن: «ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: <رەببىىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن> دەيدۇ»[18].

دېمەك، قەلبىنى پاكلاشنىڭ نەتىجىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مۇكاپاتى جەننەتتۇر.

3. مۇسۇلمان ھاياتىدىكى پاكىزلىق مەدەنىيىتى

پاكىزلىق مۇسۇلماننىڭ ئادىتىدۇر، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر، بۇ سەۋەبتىن شەخسىي پاكىزلىق ئىسلامدىكى ئىبادەت خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى سىرتقى پاكىزلىق ئىشقا ئاشماي تۇرۇپ مەنىۋى پاكلىق ئىشقا ئاشمايدۇ.

ئىسلامنىڭ شەخسى پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

1) بەدەن پاكىزلىقى

ئىسلام بەدەننىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشنى ئىنسانغا ئامانەت قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بەدىنىنىڭنىڭ سەندە ھەققى بار»[19].

ئىسلام دىنى بەدەننى نىجاسەت، كىر ۋە مەينەتچىلىكتىن تازىلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان، چوڭ – كىچىك تەرەتتىن كېيىن سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان، ھەمدە كىيىم ياكى بەدەنگە سۈيدۈككە ئوخشاش نىجاسەتنىڭ تېگىپ كېتىشىدىن ساقلانماسلىقنى قەبرىدە ئازابقا قېلىشنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن.

ئىسلام دىنى قول پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن  ئىككى قولنى ئۇيقۇدىن ئويغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «بىر ئادەم قولى مەينەت بولسىمۇ، قولنى يۇيماي ئۇخلاپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بىرەر كېسەلگە يولۇققان بولسا، ئۆزىدىن باشقىلارنى ئەيىبلىمىسۇن» دېگەن[20]. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، بىر ئىنسان قولىنى پاكىزلاشقا تېگىشلىك ئورۇنلاردا قولنى يۇيماي، يېمەك - ئىچمەكلەرگە ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

ئىسلام پاكىزلىقنى ئىمانغا باغلاپ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىلىكى ئۈچۈن ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ھەر مۇسۇلماننىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ بەدىنىنى يۇيۇپ تۇرۇشى لازىم» دېگەن[21]. پەيغەمبىرىمىز يەنە جۈمە نامىزىغا يۇيۇنۇپ بېرىشقا بۇيرۇپ: «قايسى بىرىڭلار جۈمە نامىزىغا كەلسە، يۇيۇنۇپ كەلسۇن» دېگەن[22].

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى پاكىزلىققا قىزىقتۇرۇپ، ھەر دائىم  ئۇلارنىڭ پاكىز بولۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن خۇشپۇراق پۇراپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمان كىشى بەدىنىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ تۇرغاندەك، كىيىم –كېچەكلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا ۋە رەتلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، ھەمدە پايپاق ۋە ئىچ كىيىملىرىنى  يۇيۇپ تۇرۇشى، سېسىق پۇراق پەيدا قىلىپ باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىكى لازىم.

2) بەش ۋاقىت نامازغا تاھارەت ئېلىش ئارقىلىق پاكىزلىنىش:

ئىسلام دىنى تاھارەت ئېلىشنى نامازنىڭ شەرتى قىلىپ بەلگىلىگەن. مۇسۇلمان تاھارەت ئالغاندا ئىككى قولىنى، يۈزىنى، بىلەكلىرىنى ۋە پۇتىنى ھەر كۈنى بەش قېتىم يۇيىدۇ. ھەمدە ئېغىز - بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلايدۇ ۋە بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئۇلاپ يۇيىدۇ. تاھارەت ئالغاندا كېچىك گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ توغرىدا: «بىر مۇسۇلمان تاھارەت ئالغاندا يۈزىنى، قولىنى ۋە پۇتىنى يۇيسا، كېچىك گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن[23].

3) يۇيۇنۇش بەزىدە پەرز، بەزىدە سۈننەت بولىدۇ:

ئىسلام دىنى جىنسىي ئالاقە، ئېھتىلام، ھەيىز ۋە نىپاس قاتارلىق ئەھۋاللاردا غۇسلى قىلىشنى پەرز قىلغان. ئەلۋەتتە ئەر - ئاياللار ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىمۇ ھېكمەتتىن خالىي ئەمەس، چۈنكى موسكۇللار كۈچەپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ياكى ئېغىر تەنھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن يۇيۇنۇش ساغلىققا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلىرىنىڭ تەقەززاسىدۇر. شۇنىڭدەك جىنسى ئالاقىدىكى موسكۇل ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن يۇيۇنۇش قان ئايلىنىش ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ، موسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەمدە ھورۇنلۇقتىن ساقلايدۇ.

4) ئېغىز ۋە چىش پاكىزلىقى:

ئىسلام دىنى ئېغىز ۋە چىشنى پاكىز تۇتۇشقا بۇيرۇغان، بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېغىز پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مىسۋاك ئىشلىتىش ئېغىزنى پاكلايدۇ ۋە پەرۋەردىگارنى رازى قىلىدۇ»[24]. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېغىزىنىڭ پۇراپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن: «كېچە ياكى كۈندۈزنىڭ بىرەر ۋاقتىدا ئۇخلىسا، ئويغانغاندا تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئېغىزىنى مىسۋاك بىلەن تازىلايتتى»[25].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېغىزنى پاك تۇتۇش توغرىسىدامۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا، ئۇلارنى ھەر ناماز ۋاقتىدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم»[26]. بۈگۈنكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا مىسۋاكنىڭ تەركىۋىدە مىكروب ئۆلتۈرىدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. شۇڭا، ئىمكانىيەت بولسا مىسۋاك ئىشلىتىش، مىسۋاك ئىشلىتىش قولاي بولمىسا، چىش پاستىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېغىزنى پاكىزلاپ تۇرۇش زۆرۈر.

ئىنسانلار 200 يىلدىن بېرى چىش چوتكىسى ئىشلىشىتكە باشلىغان بولسا، مۇسۇلمانلار 1400 يىلدىن بېرى مىسۋاك ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېغىز ۋە چىشلىرىنى پاكىز تۇتۇپ كەلگەن.

ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى شۇنچە ئېنىق بولسىمۇ، بىراق بەزى مۇسۇلمانلار ئېغىزىنىڭ پۇرىقى بىلەن كارى بولمايدۇ، كىيىم - كېچەك ۋە پايپاقلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىغا پەرۋا قىلماستىن شۇ ھالىتى بىلەن مەسجىدكە بېرىپ، قېرىنداشلىرىغا ئەزىيەت بېرىدۇ ۋە پەرىشتىلەرنى ھۈركىتىدۇ. ھالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «كىم پىياز ياكى سامساقنى خام يېگەن بولسا، مەسجىدكە كەلمىسۇن، چۈنكى پەرىشتىلەر ئىنسان ئەزىيەت ھېس قىلغان نەرسىلەردىن ئەزىيەت ھېس قىلىدۇ» دېگەن[27].

 5) چاچنى تاراپ ۋە يۇيۇپ تۇرۇش:

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ چاچلىرىنى ياساپ تۇرۇشى، يۇيۇپ تۇرۇشى ۋە تاراپ تۇرۇشى ئارقىلىق سىرتقى كۆرۈنۈشىگە دىققەت قىلىشقا قىزىقتۇرغان، بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز: «كىم چاچ قويغان بولسا، چېچىغا ئەھمىيەت بەرسۇن» دېگەن[28].

6) تىرناق ئېلىپ تۇرۇش:

تىرناق ئېلىپ تۇرۇش ئومۇم ئىنسان تەبىئىيگە خاس سۈننەتلەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تىرناقلىرىنى ئېلىپ، بۇرۇتىنى ياساپ تۇراتتى»[29].

7) ئەۋرەت ۋە قولتۇقلارنىڭ تازىلىقىغا رىئايە قىلىش:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبىئىي خاراكتېرگە ئىگە ئون تۈرلۈك سۈننەتلەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇلار: «خەتنە قىلىش، بۇرۇت ياساش، ساقال قويۇش، مىسۋاك ئىشلىتىش، تاھارەت ئالغاندا ئېغىز– بۇرنىنى سۇ بىلەن چايقاش، تىرناق ئېلىش، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئۇلاپ يۇيۇش، جىنسى ئەزا ۋە قولتۇقلىرىنى تازىلاش، ۋە ئىستىنجا قىلىش»[30] تىن ئىبارەتتۇر.

8) كىيىم - كېچەكلەرنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش:

مۇسۇلماننىڭ بەدىنى پاكىز بولۇش شەرت قىلىنغاندەك، كىيىم-كېچەكلىرىنىڭمۇ پاكىز بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا قىلغان ئىبادەتلىرى ئاللاھ تائالا نىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ.

كىيىم- كېچەك ئادەتتە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەۋرىتىنى يۆگىشى، سىرتقى كۆرۈنۈشىنى گۈزەللەشتۈرۈشى، ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان بۈيۈك نېمەتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمان كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا ۋە رەتلىك كېيىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىر ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلغان بولسا، ئۇ نېمەتنىڭ تەسىرىنى بەندىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن[31].

بولۇپمۇ مەسچىدكە ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز بىر ئورۇندا بىر ئادەمنىڭ ئۈستىدە كىرلىشىپ كەتكەن كىيىملەرنى كۆرۈپ  «بۇ كىشى كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدىمۇ؟» دەپ كايىغان[32]. بۇ ھەدىس كىيىم - كېچەكنىڭ پاكىز بولۇشىنى ۋە تەقى تۇرۇقىنىڭ يارىشىملىق بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە، مۇسۇلمان ئىمكانىيىتىگە يارىشا پاكىز كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن[33]، لېكىن بىر ئىنسان يېڭى كىيىملەرنى كىيگەندە كىبىرلىك قىلىسا، ياكى ئىسراپ قىلسا، ياكى باشقىلارغا كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن كىيسە بولمايدۇ.

9) تاماق يېگەندە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش:

ئىسلام يېمەك - ئىچمەكنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ۋاجىپ قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، ئىنسان يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ پاكىزلىقىغا ھەمدە تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن ئىككى قولىنى يۇيۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، چۈنكى پەيغەمبىرىمىز بۇھەقتە: «تاماقنىڭ بەرىكىتى تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى ۋە تاماقتىن كېيىن قول يۇيۇش ئارقىلىق بولىدۇ» دېگەن[34]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە يېمەك - ئىچمەكنىڭ پاكىزلىقىغا تەشەببۇس قىلىپ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر نەرسە ئىچسە پىيالىنىڭ ئىچىگە تىنىپ قويمىسۇن، ھاجەتخانىدا ئەۋرىتىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ، ئوڭ قولى بىلەن  تازىلاپ، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن» دېگەن[35].

ئىسلام يەنە يېمەك - ئىچمەك ئېلىپ قويۇلغان قازان - قۇمۇش ۋە چىنە - قاچىلارنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ قويۇشقا بۇيرۇغان.

4. مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئاممىۋى پاكىزلىق

ئىسلام شەخسىي پاكىزلىققا تەشەببۇس قىلغاندەك، ئۆي، ھويلا، يول، مەيدان ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ئاممىۋى مۇھىتلارنىڭ تازىلىقىغىمۇ تەشەببۇس قىلغان.

1) ئۆي ۋە مەسجىدنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش:

ئەلۋەتتە مۇسۇلماننىڭ پاكىزلىقى بەدىنىنىڭ پاكىز بولۇشى، كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاكىز بولۇشى، يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ پاك بولۇشى، ئولتۇرىدىغان ئۆيىنىڭ پاكىز بولۇشى، ئىبادەت قىلىدىغان مەسجىدىنىڭ پاكىز بولۇشى، ئوقۇيدىغان مەكتەپلىرىنىڭ ۋە قوللىنىدىغان نەرسە كېرەكلىرىنىڭ پاك ھەم پاكىز بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «ئاللاھ پاكتۇر، پاكلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. سېخىدۇر، سېخىيلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا سىلەر ھويلارڭلارنى پاكىز تۇتۇڭلار» دېگەن[36].

ئۆينىڭ پاكىزلىقى قانداق مۇھىم بولسا، مەسجىدنىڭ پاكىزلىقىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر، مەسجىدنىڭ پاكىزلىقى قانداق مۇھىم بولسا، ئۆينىڭ پاكىزلىقىمۇ شۇ قەدەر مۇھىمدۇر.

2) يول ۋە ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ پاكىزلىقى:

يول ۋە ئاممىۋى مۇھىتلارنىڭ پاكىزلىقىنىساقلاش، شۇ جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن شەخىسلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ. ئىسلام دىنى ئاممىۋى ئورۇنلارنى پاكىز تۇتۇشنىڭ زۆرۈلۈكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە يولغا ياكى كىشىلەر پايدىلىنىدىغان ئورۇنلارغا تەرەت قىلىش ۋە ئەخلەت تاشلاشتىن توسىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «سىلەر كىشىلەر سۇ ئالىدىغان ئورۇنلارغا، يولنىڭ دوقمۇشى ۋە سايىلىق ئورۇنلارغا تەرەت قىلىپ قويۇش سەۋەبلىك لەنەتكە قېلىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن[37].

ئىسلام دىنى كوچىلارنى ئەخلەت، تىكەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانلىق نەرسىلەردىن تازىلاشنى، مەسجىد ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتلارنى پاكىز تۇتۇشنى سەدىقە قاتارىدا نەزەرگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالام بۇ توغرىدا: «يولدىن زىيانلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش سەدىقىدۇر» دېگەن[38].

ئىسلام پاكىزلىقنى قوغداش ۋە باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا نەمۇنە خاراكتېرلىك مىسال كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي پاكىزلىققا رىئايە قىلىشنىڭ ئەڭ ساۋابلىق ئىش ئىكەنلېكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «ماڭا ئۈممىتىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى - يامانلىرى كۆرسىتىلدى، قارىسام ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنىڭ قاتارىدىن يولدىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش ئىكەنلېكىنى كۆردۈم، يامان ئىشلىرىنىڭ قاتارىدا مەسجىدكە تۈكۈرۈپ قويۇش، ياكى بۇرنىنى تاشلاپ قويۇش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم» دېگەن[39].

شۇنىڭدەك ئىسلام يەنە ئىنسانلارنىڭ راھىتى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن يول ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاممىۋى مۇھىتلارنى پاكىز تۇتۇشنى ئىماننىڭ قاتارىدىن دەپ قارىغان بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى يولدىن ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلاشتۇر»[40]

ئەينى ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلار پاكىزلىقنى ئىماننىڭ تەقەززاسى ۋە ئىبادەتنىڭ شەرتى دەپ كۆرسەتكەندە، ئىسپانىيە خىرىستىيانلىرى كىشىلەرنى پاكىزلىقتىن توساتتى ۋە پاكىزلىقنى بۇددىزملىقنىڭ قىلىقى دەپ قارايتتى، چۈنكى شۇ دەۋر راھىبلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەينەتلىكى بىلەن ئاۋۇناتتى، ھەتتا بىر راھىب ئايالنىڭ ئاتمىش يېشىغا قەدەر قولدىن باشقا ئەزاسىغا سۇ تەككۈزۈپ باقمىغانلىقى ئەسەرلەردە قەيىت قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، خىرىستىىيانلار ئەندەلۇس (ئىسپانىيە) نى بېسىۋالغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەمسىل قىلىدىغان ئاممىۋى مۇنچىلارنى يىقىپ تاشلاشقا بۇيرۇغان ئىكەن[41].

بەزى مۆتىۋەر ئەسەرلەردە، ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆمۈر بويى يۇيۇنۇشتىن ياكى قول - پۇتلىرىنى يۇيۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا يۇيۇنماسلىق ئىماننىڭ قاتارىدىن دەپ قارىلىدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا، ياۋروپادا ئۆيلەر 20- ئەسىرگە قەدەر ھاجەتخانىسىز سېلىنغانلىقى مەلۇم. ياۋروپا خىرىستىيان دۇنياسدا 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان جون ۋىزلىدىن ئىلگىرى بىرەرسى پاكىزلىقنى ئىماننىڭ قاتارىدىن دەپ باققان ئەمەس[42].

 دېمەك، ئىسلام دىنى پاكلىق، پاكىزلىق ۋە گۈزەللىك دىنىدۇر، پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقتۇر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر. شۇڭا، بىز ئىسلامنىڭ مەدەنىيەتلىك ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىغا رىئايە قىلىشىمىز، ھەمدە بەدەنلىرىمىز، كىيىم- كېچەكلىرىمىز، ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىمىزنى پاكىز تۇتۇشىمىز، شۇنىڭدەك ئۆيلىرىمىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پاكىزلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم، چۈنكى پاكىزلىق، گۈزەللىك ۋە ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر ۋە مەدەنىيلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر.

 

بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل ئۇھەررىرى: تاھىرجان ئابباس.

 



[1]مۇسلىم رىۋايىتى

[2]مۇدەسسىر سۈرىسى، 3 – 4 – ئايەتلەر.

[3]بەقەر سۈرىسى، 222 – ئايەت.

[4]مائىدە سۈرىسى، 6–ئايەت.

[5]بۇخارى رىۋايىتى.

[6]تىرمىزى رىۋايىتى.

[7]ئەھمەد رىۋايىتى

[8]مۇسلىم رىۋايىتى.

[9]بۇخارى رىۋايىتى.

[10]بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[11]مۇسلىم رىۋايىتى.

[12]مۇسلىم رىۋايىتى.

[13]ھوجۇرات سۈرىسى، 12 – ئايەت.

[14]مۇسلىم رىۋايىتى.

[15]بۇخارى رىۋايىتى.

[16]ئەھمەد رىۋايىتى.

[17]ئەنفال سۈرىسى، 1 – ئايەت.

[18]ھەشىر سۈرىسى، 10- ئايەت.

[19]بۇخارى رىۋايىتى.

[20]ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

[21]بۇخارى رىۋايىتى.

[22]بۇخارى رىۋايىتى.

[23]مۇسلىم رىۋايىتى.

[24]بۇخارى رىۋايىتى.

[25]ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى

[26]بۇخارى رىۋايىتى.

[27]مۇسلىم رىۋايىتى.

[28]ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

[29]تەبرانى رىۋايىتى.

[30]مۇسلىم رىۋايىتى.

[31]تىرمىزى رىۋايىتى.

[32]ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

[33]مۇسلىم رىۋايىتى.

[34]ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

[35]بۇخارى رىۋايىتى.

[36]تىرمىزى رىۋايىتى.

[37]ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

[38]بۇخارى رىۋايىتى.

[39]مۇسلىم رىۋايىتى.

[40]بۇخارى رىۋايىتى.

[41] لىن بول: «ئىسپانىيەدىكى ئەرەب ۋەقەلىرى»، 120 ۋە 199 – بەتلەر.

[42] جالال مەزھەر: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى»،  425 - 426- بەتلەر.

باشقا خىزمەتلەر