ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى خاتا چۈشىنىش ۋە بۇرمىلاش، خاتالىقتۇر ۋە خەتەرلىكتۇر

ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى خاتا چۈشىنىش ۋە بۇرمىلاش، خاتالىقتۇر ۋە خەتەرلىكتۇر

مەسجىدى ھەرەم خۇتبىلىرىدىن

(19/10/1432هـ 17/9/2011م)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى خاتا چۈشىنىش ۋە ناتوغرا بۇرمىلاش، خاتالىقتۇر ۋە خەتەرلىكتۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىسلام ئۈممىتى ۋە مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ خەتەرلىك پىتنە، ئەقىل ۋە چۈشەنچىلەردىكى چەتنەش بولۇپ، شەرىئەتنىڭ ئاشكارا كۆرسەتمىلىرى ۋە تىكىستلىرىنى بۇرمىلاش ياكى خاتا چۈشىنىشتەك خاتالىقلار ئۈممەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە زىت بولغاندىن تاشقىرى ئۈممەتنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىنتايىن زىيانلىقتۇر. شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى ۋە ئەھكاملىرى ھەققىدىكى تېكىستلارنى بۇرمىلاش، قۇرئان كەرىمنىڭ پرىنسىپى ۋە ھەدىس-شەرىفلەرنىڭ غايىسىگە خىلاپتۇر.

ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ غايىسى، پۈتۈن ئىش-ھەرىكەتلەر، ئىبادەتلەر ۋە مۇئامىلىلەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولۇش ۋە قۇرئان، ھەدىس ئۇقۇملىرىنى توغرا چۈشىنىش بىلەن بولىدۇ. ئىسلامنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىنى تۇرمۇشتا مۇكەممەل تەتبىقلاش ئۈچۈن، ئەمەلى رېئاللىقنى تونۇش ۋە بىلىمگە ئىگە بولۇش كېرەك. ئۇندىن كېيىن مەسئۇلىيەتنى تونۇش ئەڭ مۇھىم مەسىلە. بىز مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ دىنىي ئالىملار، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىشىمىز ۋە چۈشەنگەننى ئاممىغا توغرا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا شەرىئەتنىڭ غايە-مەقسىتىنى چۈشەنگەن بولىمىز.

ئۈممەت ئىسلامنىڭ ھەقىقىي غايىسىنى توغرا چۈشىنىپ، شەرئىەت ئەھكاملىرىنى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە تەتبىقلىغان تەقدىردە ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىدۇ ۋە دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى قايتا تىكلىيەلەيدۇ. شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئائىت مەسىلىلەرنى چۈشىنىشتە ئىختىلاپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شەرىئەتنىڭ كەڭچىللىكى ۋە مۇلايىملىقىنىڭ دەلىلىدۇر. دىننى چۈشىنىش ئاسان ۋە ئۇنى ھاياتىمىزدا تەتبىقلاش تېخىمۇ قولايدۇر. شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەسلەشتۈرۈش ۋە مۇرەككەپلەشتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق.

شەرىئەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بەزى ئەھكاملار زامان ۋە ماكان ئىتىبارى بىلەن ئۆزگىرىدۇ ۋە يۇمشايدۇ، ھەتتا ئەمەلدىنمۇ قالىدۇ. دىندا كەڭچىللىك قىلىش ۋە قۇلايلاشتۇرۇش پىرىنسىپى خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدۇر: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «ئاللاھقا ۋە قىيامەتكە ئىمان ئېيتقان ھەر بىر كىشى ئەسىر نامىزىنى بەنىي قۇرەيزىگە بېرىپ ئوقۇسۇن» دېگەن. ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر بۇيرۇقى ئۈستىدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان، بەزىلەر: ئۇ يەرگە بېرىپ بولغىچە نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىدۇ، ۋاقتىدا ئوقۇيمىز دېسە، بەزىلەر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرۇغانىكەن، نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، بەنى قۇرەيزىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئوقۇشىمىز كېرەك، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاراشلىرى ۋە ئىختىلاپلىرىنى ئاڭلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ھەر ئىككىسىگە «سىلەرنىڭ ئىجتىھادىڭلار ۋە قارارىڭلار توغرا» دېگەن. مانا بۇ دىندىكى كەڭلىك ۋە ئاسانلاشتۇرۇش پىرىنسىپىدۇر.

دىننىڭ جەۋھىرىنى خاتا چۈشىنىشتىن كېلىپ چىققان يەنە بىر ئاپەت، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى  توقۇنۇش، ئۆچمەنلىك، مەزھەبچىلىك ۋە تەپرىقىچىلىك بولۇپ، مەزھەبچى، بەدمەزھەب، سەلەفى ۋە بىدئەتچى دېگەندەك لەقەملەرنى مۇئەييەن شەخسلەرگە قارىتىش ئارقىلىق ئەھلى ئىسلامغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن بىر-بىرى بىلەن  توقۇنۇش، زىتلىشىش، دۈشمەنلىشىش ۋە ئۆچ كۆرۈش نەتىجىسىدە ھەقىقىي ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، ئۈممەتنىڭ بارلىق كۈچى ئەسلى ماھىيىتىدىن ئادىشىپ كېتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن نادان كىشىلەر، سورۇنلار، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، تور مۇنبەرلىرى قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدا ئاداۋەت ئۇرۇغىنى چېچىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇنداق سۈيقەستلەرگە پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.

ئىمام يەنە ھەيرانلىق بىلەن سۇئال قويۇپ دەيدۇكى، ئوچۇق-ئاشكارا ھارامنىڭ ھالاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ؟ ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قىلىش باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولامدۇ؟ مىراس تەڭشەشتە ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئېلىشى، ئاياللارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مەسىلىلەردە شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ۋە ھىكمىتىنى چۈشىنىش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.

ئاخىرىدا يىڭى يىللىق دەرسلەرنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇئەللىملەرگە تەۋسىيە شۇكى، ئوقۇغۇچىلارغا شەرىئەتنىڭ ھەقىقىي روھى ۋە قۇرئان، ھەدىسنىڭ توغرا يەشمىسىنى يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. يىڭى يېتىشىۋاتقان نەسىللەر ھەقىقىي مۇخلىس مۇسۇلمان بولۇپ يېتىشىشى لازىم. قۇرئان ھەدىسنىڭ روھىنى توغرا چۈشەنگەن ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقسا، ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمانلار راۋاج تاپىدۇ ھەمدە ساغلام ئەقىدە ۋە ساغلام ئەخلاق ئومۇملىشىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان ھەدىس ئەھكاملىرىنى توغرا چۈشەنگەنلەردىن ۋە بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن، ئامىن!.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

باشقا خىزمەتلەر