ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
ئىسلام تەربىيىسىدە ۋەتەن سۆيگۈسى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

 

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھغا خاستۇر، دۇئا ۋە سالاملار ئەڭ ئاخىرقى بەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن!.

ئىسلام  مائارىپ تەربىيەسى  ئىنسانىيەت رۇھى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئىنسانىيەت رۇھىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى بارلىق ساداقەت ۋە خالىس دوستلۇق مەنالىرى بىلەن تولدۇرىدىغان ئالى ئىمانىي مۇھەببەت نۇقتىسىدىن  خىزمەت باشلايدۇ.

شۈبھىسىزكى ۋەتەن سۆيگۈسى ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ تۇغما خاراكتىرلىرىدىن بىرىدۇر. شوڭا ئىنساننىڭ ئۆزى ياشاپ ئۆسكەن ۋە ئويناپ-كۈلۈپ چوڭ بولغان شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەشنا بولۇپ يۇرىكى پۇچىلانغان زېمىننى ياخشى كۆرىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا دىيارلاردا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قارىتا سادىق سېغىنىش ۋە مۇھەببەت تۇيغۇسىدا بولىشى نورمال بىر ئەھۋالدۇر. بۇ پەقەت سادىق تەۋەلىك ئېڭى ۋە كۈچلۈك باغلىنىشنىڭ دەلىلىدۇر.

      ئىنساندا ھەقىقى ۋەتەن سۆيگۈسى بولىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىنغا بولغان سادىق تەۋەلىك تۇيغۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولىشى،  ئاندىن كىيىن بۇ تۈردىكى ساداقەت تۇيغۇسى ۋەتەنگە بولىشى لازىم. چۈنكى بىر ئاللاھقىلا ئىتىقات قىلىشقا چاقىرىدىغان ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرى ئىنساننى ۋەتەننى سۆيۇشكە تەرغىپ قىلىدۇ.

     پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز يۇرتى مەككە مۇكەررىمىدىن چىقىرىۋىتىلگەن چاغدىكى ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىپ تۇرۇپ قىلغان  خىتابلىرى نەقىل قىلىنغان تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىس ئۇنىڭ ياخشى مىسالى بولالايدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيىتىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مەككىگە مۇنداق خىتاب قىلغان: «شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە نېمىدېگەن ئىللىق شەھەرسەن؟! ماڭا نېمىدېگەن سۆيۈملۈكسەن؟! ئەگەر قەۋمىم مېنى سەندىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسا سەندىن باشقا ھېچ يەردە ئولتۇراقلاشمىغان بولاتتىم.» [ئىمام تىرمىزى  رېۋايىتى880-بەت 3926-نۇمۇرلۇق ھەدىس].

    ئەگەر ئىنسانىيەتنىڭ يىتەكچىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋەتىننى سۆيمىگەن بولسا بۇ سۆزلەرنى قىلمىغان بولاتتى. كاشكى ھەربىر مۇسۇلمان ئىنسان يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەنىسىنىڭ تىگىگە يەتكىنىدە، چوقۇم ۋەتەن سۆيگۈسى ئەڭ سادىق مەنالىرى بويىچە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ھاياتىدا نۇر چاچقانلىقىنى ۋە ''ۋەتەن'' دېگەن بۇ سۆز زىكىر قىلىنغاندا قەلبلەر سۆيۈنىدىغان، ۋۇجۇتلار ئىنتىلىدىغان، تۇيغۇلارنى ھەرىكەتلەندۇرۋىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلانغان بولاتتى.

ئەگەر ئىنسان ئۆزى تۇغۇلغان تۇپراق، ياخشىلىقلىرىنى كۆرگەن زېمىن ۋە ئۆسۇپ يىتىلگەن مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۈچرايدىغان بولسا، دىمەك؛ مەزكۇر زېمىننىڭ (ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ھاياتلىقلار ۋە ئۇيەرنى تەشكىل قىلغان نەرسىلەر بىلەن بىرگە) ئۇ ئىنسان ئۇستىدە نۇرغۇن ھەقلىرى بولۇپ بۇ ھەقلەر قېرىنداشلىق ھەقلىرى، خۇشنىدارچىلىق ھەقلىرى، ئۇرۇق -تۇغقانچىلىق ھەقلىرى، ۋە بۇندىن باشقا ئىنسان ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ۋاپادار بولۇش ۋە ئۇنى سۆيۈش قاتارلىقلارنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھەرجاي ۋە ھەرزاماندا ئادا قىلىشقا ۋە رىئايە قىلىشىقا تىگىشلىك بارلىق ھەقلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئولۇغ ئاللاھنىڭ ھىكمىتى ئىنساننى بۇ زېمىنغا ئىزباسار (سەردار) قىلىپ، ئۇنى ھىدايەت ۋە ئالى يوليورۇقنى پرىنسىپ قىلىش ئاساسىدا گۇللەندۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭدىكى پاك نەرسىلەردىن ۋە گۇزەللىكلەردىن بەھرىمەن بولۇشنى تەقەززا قىلغان ئىكەن، بۇ زېمىندىكى بارلىق نېمەتلەر ۋە ياخشىلىقلار مەزكۇر زېمىن ساھىبلىرىنىڭ پايدىلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

     دىمەك؛ ئىنسان ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىشى ۋە ئۇنى قوغداپ ئۇنىڭدىكى بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشىشى تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىدىكى ئوچۇق ئىسپاتتۇر: «ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن )ياراتتى، سىلەر بىلەن ئۇنى ئاۋاتلاشتۇردى (يەنى سىلەر بىلەن زېمىننى تەرەققى قىلدۇردى).» [سۈرە ھۇد 61-ئايەت ].

شەكسىزكى ئىسلام تەربىيىسى ئىنساندا ۋەتەن سۆگۈسىنى يىتىلدۇرۇشدە تۆۋەندىكىدەك تۈرتكىلىك روللارنى ئوينايدۇ:

     1-پاك ئولۇغ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىنساننى ۋەتەننىڭ شانلىق تارىخىغا نىسبەتەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپ مەلۇم تۇيغۇغا ئىگە تەربىيلەش بىلەن بىرگە ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغان ئىرادە پرىنسىپى بىلەن ئۇنىڭغا ۋاپادار بۇلۇش ئاساسىدا يىتىلدۇرىدۇ. ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرى بۇنداق خىسلەتلەرگە تەرغىپ قىلىپلا قالماستىن ئۇنىڭغا ئەمىلى يىتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.» [ سۈرە راھمان 60-ئايەت ].

    2- ۋەتەنداشلارنىڭ قەيەردە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىرتەن بولۇپ ھەرخىل ۋەزىيەت ۋە مۇھىتلاردا  ئۆزى ۋە ئۆزگىنى قوغداشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان قېرىنداشلىق، بىر-بىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۆز - ئارا ئىزدىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق قەلبداشلىق كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن دوستلۇق مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلاشقا يىتەكلەيدۇ.

     3- ئائىلە، مەكتەپ-مەدرىسە، مەسجىد، پائالىيەت سورۇنلىرى، خىزمەت ئورۇنلىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھەرخىل تەربىيلەش مۇئەسسەسەلىرى، گېزىت -ژۇرنال، رادىئو- تىلىۋېزۇر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىجابى ۋەتەنداشلىق سۆيگۈسى يىتىلدۇرۇشنى، شۇ سۆيگۈنىڭ مەنىسىنى رۇشەنلەشتۇرۇپ ئۇنىڭ قانداق ئەمىلى ئىپادىسى بارلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

     4-ۋەتەن تېرىتۇرىيەسىدىكى ئۇمۇمى ئىجتىمائى مۇھىت بولۇپمۇ ئىنسان ھاياتى شانۇ-شەۋكەت ۋە پاراۋانلىققا يۈزلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بۇ خىزمەت ھەربىر كىشى ئۆز ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى تونۇپ ئۇنى ئەڭ پۇختا ئىجرا قىلىش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

5-ۋەتەن پەرزەنتلىرىنى ۋەتەننىڭ ھەرخىل بايلىق ۋە نازۇ-نېمەتلىرىنى قەدىرلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭدا قولغا كەلتۇرۇلگەن ھەممە كىشىنىڭ پايدىلىنىش ھەققى بولغان تەرەققىيات ۋە ئاساسى مۇئەسسەسەلەرنى قوغدايدىغان، ئۆزىمۇ ئۇنىڭدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان قىلىپ تەربىلەيدۇ.

      6-ۋەتەن ۋە ئۇنىڭ شان-شەۋكىتىنى كۆتۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشقا ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپلەردە زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ھەرقانداق بىر جايدا بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئاكتىپ ئىجابى ھەسسە قوشۇش ۋە قوشىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. چۈنكى بۇ ھەممە كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە پايدا-مەنپەئەتى جەمىيەت ۋە شەخىسلەرگە تەڭ بولىدىغان ئىشتۇر.

    7-ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تىنىچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە تەسىر يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق بۇزۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇداپىئە كۆرۇش ئۈچۈن قولدىن كەلگەن بارلىق ئىمكانىيەت ۋە ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ خىزمەت قىلىش.

8-ۋەتەننى قوغداشقا جىددى ئېھتىياج چۈشكەندە سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتى بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئاخىرىدا ئولۇغ ئاللاھتىن ھەممىمىزنى ياخشىلىققا، ھەقىقەتكە، ھىدايەتكە ۋە توغرىغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمىز.

باشقا خىزمەتلەر