ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
ئاۋىستىرالىيەلىك مۇخبىرلار خىتايدىن ئايرىلدى

 

اۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىككى مۇخبىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا دۇچ كېلىپ، بەش كۈن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك ئورگانلىرىدا پاناھلاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلىتىگە قايتتى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ مۇخبىرى قالمىدى. 

خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋىستىرالىيەلىك ئىككى مۇخبىرنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ياردىمىدە خىتايدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئاۋىستىرالىيە رادىئو شىركىتى (ABC) ۋە ئاۋىستىرالىيە پۇل-مۇئامىلە ئوبزورچىلىقى (AFR) نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئاۋىستىرالىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىغا پاناھلانغانلىقى، ئاۋسترالىيەلىك دىپلوماتلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن چېگرادىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىرلار بىل بىرتلېس ۋە مايكېل سىمىس ئاۋغۇستتا خىتايدا قولغا ئېلىنغان ئاۋسترالىيەلىك رىياسەتچى چېڭ لېي بىلەن دىلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ۋە چېڭ لېي توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگۈچە چېگرادىن ئايرىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ئىككى مۇخبىر ئاۋىستىرالىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاۋىستىرالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايدا بىرمۇ رەسمىي مۇخبىرى قالماسلىق ھالىتى شەكىللەندى.

 http://turkistantimes.com/uy/news-13505.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر