ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى دىسنىيغا ئوچۇق خەت يېزىپ، «مۇلەن»نىڭ تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنىش تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى دىسنىيغا ئوچۇق خەت يېزىپ، «مۇلەن»نىڭ تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنىش تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى دىسنى شىركىتىگە خەت يېزىپ، «مۇلەن»نىڭ تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنىش تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى ئىككى پارتىيەدىن كەلگەن 19 نەپەر ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى دىسنىي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چاپېكقا  ئوچۇق خەت يېزىپ، «مۇلەن» فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىدا شىركەت بىلەن «شىنجاڭ بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي تەشۋىقات ئورگانلىرى»نىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئوچۇق خەتتە دىسنىيغا مۇناسىۋەتلىك 10 چوڭ سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دىسنىينىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلمىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىشنى تاللىغانلىقى قاتارلقلار بار. 

ئامېرىكا دىسنىي شىركىتى تەرىپىدىن 200 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن ئىشلەنگەن ھەرىكەتلىك «مۇلان» فىلىمى قويۇلغاندىن كېيىن، تالاش-تارتىشنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. فىلىمنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تارتىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 19 نەپەر ئەزاسى 11-سېنتەبىر جۈمە كۈنى دىسنىي پرېزىدېنتى بوب چاپېكقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى: «دىسنىي ئېنىقكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان، لېكىن بۇ ئەمەلدارلار زوراۋانلىق قىلىش ياكى جىنايەتلەرنى يوشۇرۇشقا مەسئۇل ئەڭ چوڭ جاۋابكارلار. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ».

خەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە تۇرپان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى «مولان» فىلمىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەمكارلاشقان ئورۇنلار تىزىملىكىدە پەيدا بولدى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2019- يىلى 10- ئايدا تۇرپان جامائەت خەۋپىسىزلىكى ئىدارىسىنى «ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەنپەئەتىگە» خىلاپلىق قىلغان ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، سەۋەبى، تۇرپان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق. ئۇندىن باشقا، «مۇلەن»نىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا بەزى ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلغان لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەكتۇپتا، دىسنىينى سۈرەتكە ئېلىش مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە تۇرپان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ تەپسىلاتىنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ، دىسنىينىڭ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ(شەرقىي تۈركسىتان)دىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان قاتناشمىغانلىقى ۋە كىنو ئىشلەشكە ئارىلاشقان-قاتناشمىغانلىقى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئەترىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ھەمكارلاشمىغانلىقى، ئۇيغۇر ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئىشلىتىلمىگەنلىكى قاتارلىق 10 سوئال سورالغان.

MulanMarco

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ھەمدە پرېزىدېنت ۋە دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق دوكلات تاپشۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرا كومىتېتى (CECC) مۇ بۇ ئوچۇق خەتنى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئىلان قىلدى. دىسنىيغا يېزىلغان بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويغان پارلامېنت ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە خىتاي ئىشلىرى ئىجرا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

http://turkistantimes.com/uy/news-13527.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر