ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
ئامېرىكا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ پائالىيتىگە چەكلىمە قويدى، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى

ئامېرىكا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ پائالىيتىگە چەكلىمە قويدى، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ سودا، خوڭكوڭ مەسىلىسى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە جەنۇبىي دېڭىزىدىكى جىددىيچىلىكنى چۆرىدىگەن ھالدا جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخبارات ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مۇناسىۋىتىدىمۇ بىر-بىرىگە قارشى يېڭى چەكلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئامېرىكىدىكى بارلىق كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي دىلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىگە يېڭى چەكلىمىلەر قويۇلدى.  

پومپېئو: كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە تاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 1-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى بارلىق كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاقىلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ فوكىس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرنى تەدرىجىي چۈشىنىدۇ».

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئارقىلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «جاسۇس ۋە شېرىك» قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ھازىرمۇ يەنىلا كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بۇنى تونۇپ يەتكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يىل ئاخىرىغىچە بارلىق كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تاقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئالدىنقى ئايدا، پومپېيو كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئامېرىكا مەركىزىنىڭ چەتئەل ۋاكالەت ئورگانلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى ۋە بۇ مەركەزنىڭ «بېيجىڭنىڭ دۇنياۋى سىياسەت ۋە تەسىرىنى ئامېرىكىدا تارقىتىدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى داۋىد ستىلۋېل ئەينى ۋاقىتتا: «ھازىر ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى تاقاشقا مەجبۇرلانمايدۇ، ئەمما ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپتىكى پائالىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەك.» دېگەن ئىدى.

خىتاي دىپلوماتلىرىغا يېڭى چەكلىمە قويۇلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2- سىنتەبىر ئامېرىكىدىكى خىتاي دىپلوماتلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چەكلىمە قويۇپ، ئۇلارنىڭ بەزى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتى ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ يېڭى چەكلىمىلەرنى مۇۋاپىق ئەمەس ۋە ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا زىت دەپ تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلىش، يەرلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ياكى ئەلچىخانا سىرتىدا 50 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيىتىگە ئۇزۇن مۇددەت چەكلىمە قويغانلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاس ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا چىقارغان قارارى.

ئۇندىن باشقا، دائىرىلەر باياناتتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىنىڭ چوقۇم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھېساباتى سۈپىتىدە توغرا يېزىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پومپېيو باياناتىدا مۇنداق دەپ يازدى: «بىز پەقەت خىتاينىڭ ئامېرىكا دىپلوماتلىرىغا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش شەكلىدە مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتايدا دۇچ كېلىدىغان چەكلىمىلىرى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى كونكرېت ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى بايانات بىزنى بۇ يۆنىلىشكە يېتەكلەيدۇ».

مەنبە: رويتېرس، س ن ن

http://turkistantimes.com/uy/news-13474.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر