ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 23-سېنتەبىر چارشەنبە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» (Uyghur Forced Labor Disclosure Act) لايىھەسىنى 187 گە قارشى 229 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. بۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قارشى ماقۇللىغان ئىككىنچى قانۇن لايىھىسى بولۇپ قالدى.

دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېننىفېر ۋېكستون(Jennifer Wexton) ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سودا تىجارىتى ۋە ئالاقىسى بار ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانمۇ-يوق ياكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

22- سىنتەبىر، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئاۋام پالاتاسىدا 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. 

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا سۆز قىلغاندا: «بىز مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ناھايىتى ئومۇملاشقانلىقىنى ۋە ناھايىتى سىستېمىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. تەپتىش قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت مۇھىتى ھەققىدە ئەركىن ۋە سەمىمىي سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندىن كۆزىتىدۇ ۋە قورقۇتىدۇ». 

ماكگوۋېرن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننى چىقىرىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇكى، ئۇ تېخىمۇ قاتتىق ئاشكارىلاش تەرتىپى ئارقىلىق ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارنى قوغدايدۇ ھەمدە ئۇلارغا خىتاي ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئۇ يەردە بارلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا ھەسسە قوشقان».

http://turkistantimes.com/uy/news-13597.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر