ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
ئاللاھنى ھەقىقي تونۇغان ئادەم ئاللاھتىن بەك قورقىدۇ

ئاللاھنى ھەقىقي تونۇغان ئادەم ئاللاھتىن بەك قورقىدۇ

شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ھۇمەيد. . .

(3/9/14310هـ 13/8/2010م

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئاللاھنى ھەقىقي تونۇغان ئادەم ئاللاھتىن بەك قورقىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئېلىشنى خالىغانلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋەز-نەسىھەتلەر كۆپتۇر. ۋەز-نەسىھەت ئويغاق دىللارنى نۇرلاندۇرۇپ ئويغىتىدۇ. دىللار ھەۋەسنىڭ ئۆلۈشى بىلەن تىرىلىدۇ، ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن نەپسىنىڭ غەپلىتى يوقايدۇ، ھورۇنلۇقنى ئاگاھ بولۇش يوقىتىدۇ، قورققان كىشى خاتىرجەم بولالمايدۇ، بىلگەن كىشى جىم تۇرالمايدۇ، خاتالىشىپ قالغان ئادەم خاتالىقىنى ئەسلەتسە، دەرھال تونۇپ، نادامەت قىلىدۇ ۋە ئاقىۋىتى ئۈستىدە ئويلانسا، كۈچلۈك ئىرادىگە كېلىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى ئاللاھتىن ياخشىلىق ئۈمىت قىلىش ئارقىلىق قارشى ئېلىۋاتىسىلەر، ئېگەڭلار ئاللاھقا ئۆزۈڭلارنى تەقدىم قىلىسىلەر، ئاللاھنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ، كەمچىلىكلىرىڭلاردىن ئازابلىنىپ، گۇناھلىرىڭلاردىن قورقىۋاتىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن! بىزلەرگە بۇ ئۇلۇغ رامىزاندا كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇشنى كىچىلىرى ئىبادەت قىلىشنى نېسىپ قىلسۇن!.

ئاللاھ، بەندىلەرنى ئاللاھنى ياخشى كۆرسۇن، ئىبادەت قىلسۇن، ئۇلۇغلىسۇن، دەپ ياراتتى. ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارلىقى، كاتتا ئىلاھ ئىكەنلىكى، ئەزىمىتى، بۈيۈكلۈكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كەلتۈردى. بەندىلەر ئاللاھتىن قورقىشى، ئاللاھقا مۇھەببەت قىلىشى، ئۇلۇغلىشى كېرەك. ئاللاھنى ئۇلۇغلىغان ۋە قورققان كىشى ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ.

دىللار ئاللاھتىن قورققانلىقتىن تىرىلىدۇ، ئاللاھ ئىنسانلارنى يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىلىم ئۆگۈنۈشكە، ئەمەل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئاللاھتىن قورققان تەن، گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتالايدۇ. تائەت-ئىبادەتكە بېرىلىپ، ھاۋايى-ھەۋەستىن ساقلىنىدۇ. قورقۇنچ ئارقىلىق دىللاردا «خۇشۇ-خۇزۇ»، كەمتەرلىك ۋە تەسلىم بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئاللاھقا خارلىق ئىزھار قىلغان كىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ، قورقۇنچ ئاللاھقا داۋاملىق زىكىر قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھقا ئۆزىنى تاپشۇرۇپ، دۇنيادىن يۈز ئۆرۈپ، ئاخىرەتكە قىزىققان كىشى، تەكەببۇرلۇق ۋە مەنمەنلىك قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.

مەقسەتلىك قورقۇنچ، قەلبنىڭ ئىزتىراپلىقى، كەلگۈسىدىن تەشۋىشلىنىشنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھتىن قورققان قەلبلەر ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ ھارامغا يېقىنلاشمايدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاجىپنى تەرك ئەتمەيدۇ، پەرىزلەرنى ئادا قىلىشقا ۋە ياخشىلىققا ئالدىرايدۇ، ئەمما ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۈمىتسىزلىك تەنقىتلەشكە تېگىشلىك قورقۇنچاقلىقتۇر.

ئاللاھتىن ھەقىقىي قورققان ئادەم ھارام يىمەيدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يالغان قەسەم قىلمايدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، مۇئامىلىدە كۆز بويامچىلىق قىلمايدۇ، شىركەتتە ئىشلىگەن بولسا، شىركەتكە خىيانەت قىلمايدۇ، گەپ توشۇمايدۇ، نەسىھەتنى ۋە ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى تاشلىمايدۇ. نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدۇ، ۋاقتىنى كەيپى-ساپا بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزمەيدۇ، غاپىللىق قىلمايدۇ، ئاللاھتىن ئۆز لايىقىدا قورقىدۇ، نامازنى تەئدىل-ئەركان بىلەن ئوقۇيدۇ، زاكات بېرىدۇ، رامىزاندا روزا تۇتىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ، تۇققانلىق رىشتىسىنى ئۈزمەيدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ھەر بىر ھەق ئېگىسىگە ئۆزىنىڭ ھەققىنى بېرىدۇ.

كىمكى ئاللاھنى بەك تونۇسا، ئاللاھتىن بەك قورقىدۇ. ئاللاھنى بەك تونۇيدىغانلار ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىدۇر. ئاللاھتىن قورقۇشتا ئۆرنەك كىشىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا رەببانى ئالىملاردۇر، ھەقىقىي ئالىملار ئاللاھتىن قورقۇشتا ۋە مەسئۇلىيىتىنى تونۇشتا ئەڭ لاياقەتلىك كىشىلەردۇر.

ئىككى ھەرەم خادىمى ئالىملارغا خىتاپ قىلىپ مونۇ تەۋسىيەلەرنى قىلدى ۋە ئۇلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرىپ مونداق دېدى: «دۆلەت، ئالىملار بىلەن شەرئىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ ھوقۇقىنى مۇكەممەل ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالىملارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچكىشى چېقىلالمايدۇ. ھېچكىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامنىڭ سۈننىتىگە تىل تەگكۈزىشىگە يول قويمايمىز! پەتىۋاغا لايىق بولمىغانلارنىڭ دىندا پەتىۋا بېرىشىگىمۇ يول قويمايمىز! دىن پەخىرلىنىدىغان ۋە دۇنيا ئۈچۈن قوللىنىدىغان مال ئەمەس. ئەھلى ئىلىملار ئۈچۈن ھۆرمىتىمىز چوڭقۇر. دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى، شەرىئەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ھىمايە قىلىدۇ. شۇڭا شەرىئەت مۇئەسسەسەلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى كېرەك، ئالىملار بولسا، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىشىدىن قورقماسلىقى كېرەك، چۈنكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر».

  سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.

باشقا خىزمەتلەر