ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ئاللاھ تائالا ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش ھارام، ياخشى كىشىلەر داۋاملىق ئاللاھتىن ياخشى گۇمان قىلىدۇ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ

ئاللاھ تائالا ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش ھارام، ياخشى كىشىلەر داۋاملىق ئاللاھتىن ياخشى گۇمان قىلىدۇ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە بىن ئابدۇللا خەييات

 

26/10/1432هـ 24/9/2011م

2011 – يىلى 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: ئاللاھ تائالا ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش ھارام، ياخشى كىشىلەر داۋاملىق ئاللاھتىن ياخشى گۇمان قىلىدۇ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئەقىل ئىگىلىرى بولغان تەقۋادار كىشىلەر، ھەر دائىم ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەپۇچان، قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي مۇئمىنلەر ۋە مۇتتەقىيلەرنىڭ تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ رەھىمدىل ۋە ئەپۇچان ئىكەنلىكى، زالىملارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئۇلارنى خالىغان جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىشقا قويىۋەتمەيدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن بولغاچقا، بەزى زالىملارغا زۇلۇملىرىدا ھەددىدىن ئېشىپ، چېكىگە يېتىشكە مۆھلەت بەرسىمۇ، ھېچقاچان ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا خالىغان رەزىللىكلەرنى قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىغا ئىمانىمىز كامىل بولىشى كېرەك. ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس قۇدسىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ دەيدۇكى، مەن بەندەمنىڭ ياخشى گۇمان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بەندەم مىنى ياد ئېتىدىكەن، مەن ئۇنىڭ قېشىدا بولىمەن» دېگەن.

مەزكۇر ھەدىس ئاللاھقا يامان گۇمان قىلىدىغانلار ئۈچۈن كەسكىن دەلىل بولۇپ، ئاللاھ ھېچقاچان بەندىسىنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ئاللاھقا يامان گۇمان قىلغانلارنىمۇ جازاسىز قويمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

{ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيۡكُم مِّنۢ بَعۡدِ ٱلۡغَمِّ أَمَنَةٗ نُّعَاسٗا يَغۡشَىٰ طَآئِفَةٗ مِّنكُمۡۖ وَطَآئِفَةٞ قَدۡ أَهَمَّتۡهُمۡ أَنفُسُهُمۡ يَظُنُّونَ بِٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ ظَنَّ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِۖ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ مِن شَيۡءٖۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡأَمۡرَ كُلَّهُۥ لِلَّهِۗ يُخۡفُونَ فِيٓ أَنفُسِهِم مَّا لَا يُبۡدُونَ لَكَۖ يَقُولُونَ لَوۡ كَانَ لَنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ شَيۡءٞ مَّا قُتِلۡنَا هَٰهُنَاۗ قُل لَّوۡ كُنتُمۡ فِي بُيُوتِكُمۡ لَبَرَزَ ٱلَّذِينَ كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَتۡلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمۡۖ وَلِيَبۡتَلِيَ ٱللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمۡ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ}

{غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقى مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى)، بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن اﷲنىڭ ئىلكىدە» ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يۇشۇرىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر غەلبىدىن بىزگە ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلىشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (اﷲنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (اﷲنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭلۈڭلەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر}[1].

مەزكۇر ئايىتى كەرىمىدە ئاللاھ تائالا مۇناپىقلار ۋە گۇمانخورلارنىڭ، ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى يوقلىقىغا قاتتىق كايىغان، مۇناپىقلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىغىمۇ قاتتىق كايىغان. ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئىشەنمىگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز دىنىنى ئۈستۈن قىلىدىغانلىقى ۋە كۇپرىنى مەغلۇب قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن، بەلكى ئۇنى خالىمىغانلار ئىدى.

مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ، ئاللاھنىڭ دىنى غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە گۇماندا بولغانلىقىنى سۈرە فەتھىدىكى مۇنۇ ئايەت تېخىمۇ رۇشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

{وَيُعَذِّبَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ وَٱلۡمُشۡرِكَٰتِ ٱلظَّآنِّينَ بِٱللَّهِ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِۚ عَلَيۡهِمۡ دَآئِرَةُ ٱلسَّوۡءِۖ وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَلَعَنَهُمۡ وَأَعَدَّ لَهُمۡ جَهَنَّمَۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرٗا} {مۆمىنلارنىڭ دىللىرىغا اﷲنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىشى ئۈچۈندۇر، ئۇلار ﷲ قا قارىتا (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۇئمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!}[2].

مەزكۇر ئايەتنىڭ روھى بويىچە، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە گۇمانى قاراشتا بولغان، ئاللاھنىڭ پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرىدىغان ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان، ئالدىدىكى دۈشمەننىڭ كۈچى چوڭ، كۈچلۈك كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمەستىن ئاللاھقا بولغان ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بىز كۆرىۋاتقان بۇ كۈچلۈك دۆلەت ۋە سانى كۆپ مىللەتنى قانداقمۇ يېڭىش مۇمكىن بولسۇن! ئەقىلگە سىغمايدىغان گەپلەرغۇ بۇ، بىزلەردە نېمە ئامال! دەپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە قۇدرىتىگە گۇمانى قاراشتا بولغانلارنىڭ جايى جەھەننەم ئىكەنلىكى، ئۇنداقلارغا ئاللاھ ھەقىقەتەن ياردەم بەرمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ئاز دۈشمەندىنمۇ قورقۇدىغان قورقۇنچ سالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

 ئىنسانلار شۇ ھەقىقەتنى بىلىشى كېرەككى، ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىش، ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈن قىلىش ۋەدىسىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادا ئۈستۈن قىلىدۇ.

لېكىن شۇ ئىنسانلار شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەككى، ئاللاھ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سەۋەبكە باغلاپ قويغان، سەۋەب قىلماستىن، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئىسمى-سۈپەتلىرى، بىلىم-ھېكمىتى ۋە چەكسىز قۇدرەتلىرىنى بىلگەن ئادەم، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ھېچقاچان گۇمانى قاراشتا بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن ھەر قانداق ئىنسان جەمئىيەت ياكى مىللەت ئەڭ باشتا ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئاللاھقا بولغان ئىمانى ۋە ئىشەنچىسىنى تەكشۈرسە، سەۋەب ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاللاھقا يامان گۇمان قىلغان، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە ئىمانى ئاجىز بولغانلار، دەرھال تۆۋبە قىلىپ ئىمانىنى يېڭىلاشقا ۋە تۆۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ قىلىشقا چاقىرىلىدۇ. ئاللاھ ھاكىملارنىڭ ئەڭ كۈچلىكى، ئادىللارنىڭ ئەڭ ئادالەتلىكى ۋە رەھىمدىللارنىڭ ئەڭ رەھىمدىلىدۇر.

 ئاللاھ بارلىق دۇنيادىن بىھاجەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاللاھقا ئېھتىياجى باردۇر. دۇنيادا ھېچقانداق كۈچ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلالمايدۇ.

ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىمانى كامىل ئىنسان، ئاللاھ ھەققىدە ياخشى گۇمان قىلىش بىلەن بىرگە سەۋەب قىلىش كېرەك. سەۋەب قىلماستىن ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بار، بىزنى دۈشمەنلەرنىڭ زۇلۇملىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ دەپ سەۋەب قىلماستىن يېتىشنىڭ ئۆزى، ئاللاھقا بولغان قاراشنىڭ خاتالىقى ۋە ئىمانى ئاجىزلىقنىڭ دەلىلىدۇر.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]   سۈرە ئالى ئىمران:  154- ئايەت

 

[2]   سۈەر فەتىھ: 6 - ئايەت

 

 

باشقا خىزمەتلەر