ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
ئاللاھ ئىنسانلارنى دۇنياغا ئورۇنباسار قىلىپ ياراتقان، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئورۇنباسارلىققا لايىقتۇر

ئاللاھ ئىنسانلارنى دۇنياغا ئورۇنباسار قىلىپ ياراتقان، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئورۇنباسارلىققا لايىقتۇر

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللاھ خەييات

 

2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا مونۇلارنى تەۋسىيە قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

قەلبنىڭ ئويغاقلىقى، كۆڭۈل ئاراملىقى ۋە روھنىڭ پاكلىقى، ھەر بىر ئاقىلنىڭ ئارزۇسى، ھۇشيارنىڭ غايىسى ۋە ئاللاھ تەرىپىگە قايتقۇچىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىدۇر. ئۆزى ۋە خەلقىگە ياخشىلىقنى خالىغان ئادەم، خارلىقنىڭ ھەر قانداق زەنجىرلىرىدىن ئازات بولۇشقا ۋە ھالاكەتنىڭ ئامىللىرىدىن ئۆزىنى ۋە خەلقىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىدۇ. دۇنيادا ئۆز يولىنى تېپىپ، ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەر، پەرۋەردىگارىنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگەشكەنلەر بولۇپ، ئۇلار مۆمىنلەرنى ھىدايەت ۋە نىجاتلىق يولىغا باشلىغان ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئەسلەيدۇ:

 {وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَيَسۡتَخۡلِفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ كَمَا ٱسۡتَخۡلَفَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمۡ دِينَهُمُ ٱلَّذِي ٱرۡتَضَىٰ لَهُمۡ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّنۢ بَعۡدِ خَوۡفِهِمۡ أَمۡنٗاۚ يَعۡبُدُونَنِي لَا يُشۡرِكُونَ بِي شَيۡ‍ٔٗاۚ وَمَن كَفَرَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ}

 {ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىننى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار اﷲنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر}[1].

مۆمىنلەر بىلەن پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدا پاسىل پەيدا بولۇپ، مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن يىراقلىشىپ، يامانلىق ۋە پىتنە-پاسات ھۆكۈم سۈرسە، ئۈممەتلەرنىڭ بېشىغا بالايى-مۇسىبەتلەر كېلىدۇ ھەمدە ئارىدا خۇسۇمەت ۋە ئاداۋەت پەيدا بولىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: {ظَهَرَ ٱلۡفَسَادُ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ بِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِي ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعۡضَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ} {ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تۆۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى}[2].

بۇ ئايەتتىن مەلۇم بولىدۇكى، بىزلەرنىڭ قىلمىشلىرىمىز بىلەن كائىناتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرسىدا مۇستەھكەم ئالاقە بار، ئىنسانلار ئادەمنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتنى چۈشىنىپ ئاللاھقا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلسا، ئاللاھنى رازى قىلىشقا تىرىشسا ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا يولدا ماڭسا، ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت خەزىنىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. ئاسماندىن بەرىكەتلەرنى ياغدۇرىدۇ ۋە يەر ئاستىدىكى بايلىقلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

ئىنسان ئۆز ئالدىدا تاللاش يولىغا دۇچ كەلگەندە، قەلبىدە قىلچە شەك بولماستىن ئاللاھنىڭ توغرا پىرىنسىپىنى تاللىشى كېرەك. ئاللاھنىڭ يولى نىجاتلىق، ھىدايەت ۋە بەخت-سائادەت يولىدۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەيتاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، جەننەتتىن زىمىنغا چۈشۈرۈلۈش قىسسىسىنى بىزگە بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن:

 {قَالَ ٱهۡبِطَا مِنۡهَا جَمِيعَۢاۖ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ فَإِمَّا يَأۡتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدٗى فَمَنِ ٱتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشۡقَىٰ}

 {ئاللاھ (ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا) ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مىنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مىنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقى بولمايدۇ}[3].

ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن يۈز ئۆرىگەن، ئاللاھنىڭ يوليورۇقلىرىغا قارشى ئىشلارنى سادىر قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليورۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى، زىيان تارتىش ۋە تۇرمۇشىدا راھەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. چۈنكى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

{وَمَنۡ أَعۡرَضَ عَن ذِكۡرِي فَإِنَّ لَهُۥ مَعِيشَةٗ ضَنكٗا وَنَحۡشُرُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَعۡمَىٰ قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرۡتَنِيٓ أَعۡمَىٰ وَقَدۡ كُنتُ بَصِيرٗا قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتۡكَ ءَايَٰتُنَا فَنَسِيتَهَاۖ وَكَذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمَ تُنسَىٰ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي مَنۡ أَسۡرَفَ وَلَمۡ يُؤۡمِنۢ بِ‍َٔايَٰتِ رَبِّهِۦۚ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبۡقَىٰٓ} {كىمكى مىنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپىرىمىز». ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مىنى كور قوپۇردۇڭ؟ ۋەھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مىنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك، ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن». ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازاۋى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر}[4].

ئاللاھقا ئىخلاس قىلمىغان قەلب، داۋاملىق ئەندىشە، ھەيرانلىق، قورقۇنچ، گۇمان ۋە شۈبھىلەر ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق ۋە سىقىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاللاھقا ئىخلاس قىلىشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىشقا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!!.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]  سۈرە نۇر: 55- ئايەت.

[2]  سۈرە رۇم: 41- ئايەت.

[3]  سۈرە تاھا: 123- ئايەت.

[4]  سۈرە تاھا: 124 – 127 ئايەتلەر.

باشقا خىزمەتلەر