ھىجرىيە: | مىلادىي: 29 Mayıs 2020

چىكىنىڭ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى ئون مىڭ كىشىلىك كۈچلۈك مۇسۇلمانلار قوشۇنى مەدىنە بىلەن ئوھۇد ئارىلىقىدىكى شەيكان دېگەن جايدا توختىدى. كۈن پاتايلا دەپ قالغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ «سەكب» دەپ ئاتىلىدىغان ئېتىدىن چۈشتى. ئۇ ئۇرۇشقا تولۇق قوراللانغان بولۇپ، دۇبۇلغىسىنىڭ ئۈستىگە سەللە ئورىۋالغان، ساۋۇتىنىڭ يان تەرىپىگە قىلىچ، دۈمبىسىگە بىر قىلىچ ئېسىۋالغان ئىدى.

كۈن پېتىشى بىلەنلا، بىلال ئەزان توۋلىدى، ناماز ئوقۇلدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈردى. مۇھاجىرلارنىڭ ئارىسىدا يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي جىھادقا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىپ تۇرغان سەككىز بالىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەيدنىڭ ئوغلى ئۇسامە ۋە ئۇمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ بالىلارغا دەرھال ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇق بەردى. ئەمما بۇ ئىككى بالا ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا بالىلارنى قايتۇرىۋېتىپ، بۇ ئىككىسىگە قوشۇنغا ئەگىشىپ ئوھۇد غازىتىغا بېرىشقا رۇخسەت بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشكۈل ئەمما بۈيۈك ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئاتىدى.

ئۇ تېخى ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان، دادىسى ۋە كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغان ھەدىسى ھەفسە بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى. ئوھۇد غازىتىدىن بۇرۇن، ئۇ ئوخشاشلا بەدىر غازىتىغا قاتنىشىش رۇخسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. خەندەك غازىتى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 15 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئۇسامەگە، ئابدۇللاھقا ۋە ئوخشاش ياشتىكى باشقا بالىلارغا مۇھاجىرلارغا قوشۇلۇپ، خەندەك كولاش ۋە ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەردى.

ھىجرەت قىلغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغۇچە بولغان 70 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىينىڭ ئاتىغىنى بويىچە «ياخشى ئادىمىمىز ۋە ياخشى ئادىمىمىزنىڭ ئوغلى» دەپ ئاتالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، كىچىك پېئىللىقى، سېخىلىقى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، راست سۆزلۈكى، مال - دۇنيادىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى ۋە ئىبادەتتىكى ناھايىتى چىداملىقلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسى ھەزرىتى ئۆمەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى. ئۆمەر ۋە ئابدۇللاھ ئىككىيلەن ھەممەيلەننىڭ بۈيۈك ئۇستازى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ئىدى. ئابدۇللاھ دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا قىلغان سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئاندىن كۆرگەنلىرىنى ئىخلاس بىلەن تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرەتتى. مەسىلەن: ئەگەر ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەلۇم بىر جايدا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى. ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلاتتى، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇمۇ شۇنداق قىلاتتى. سەپەرگە چىققاندا، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەلۇم بىر جايدا تۆگىسىدىن چۈشۈپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرسە، كېيىن ئۇ شۇ يولدىن مېڭىپ قالغان چاغلاردا توختاپ، شۇ يەردە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.

بىر قېتىم، مەككىدىكى مەلۇم بىر جايدا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنىڭ ئىككى ئايلانغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردى. بەلكىم ئۇ تۆگىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايلاندۇرماي، تۆگە ئۆزىچىلا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يەنە بىر قېتىم شۇ يەرگە كېلىپ قېلىپ، تۆگىسىنى چۆكتۈرمەي تۇرۇپ ئىككى قېتىم تولۇق ئايلاندۇردى، ئاندىن تۆگىسىدىن چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى بويىچە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئابدۇللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان بۇنداق ئىخلاسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) قا ئىبنى ئۆمەردەك ئەگەشكەن ئادەم يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەردە تۆگىسىدىن چۈشسە، ئۇمۇ ئوخشاشلا شۇ يەردە تۆگىسىدىن چۈشىدۇ.»

ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلسىمۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلىشتا بەك ئېھتىيات قىلاتتى، قورقاتتى. پەقەت ھەدىستە دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېسىگە ئالالىغاندىلا ئاندىن ئۇنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. ئۇنىڭ تەڭتۈشلىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە ھېچكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلىشتا (ھەدىسكە سۆزلەرنى قوشۇش ۋە ئېلىۋېتىشتە) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردەك ئېھتىيات قىلمايتتى.»

ئوخشاشلا، ئۇ پەتىۋا بېرىشنى خالىمايتتى. پەتىۋا بەرگەن چاغلاردا ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى. بىر قېتىم بىر ئادەم مەلۇم بىر ئىش توغرىلىق ئۇنىڭدىن پەتىۋا سوراپ كەلدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا:

— سەن سورىغان مەسىلە توغرىلىق بىلىدىغانلىرىم كەمچىل، —دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئادەم قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇللاھ خۇشاللىق بىلەن چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ، ئۆز- ئۆزىگە: «ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئۇ بىلمەيدىغان مەسىلە توغرىلىق سورالغاندا، ‹بىلمەيمەن› دەپ جاۋاب بېرەلىدى» دېدى. گەرچە ئۆزى قازى بولۇشقا مۇۋاپىق كەلسىمۇ، لېكىن ئۇ يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيىسى بىلەن ئۇنى رەت قىلدى. قازىلىق ۋەزىپىسى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ۋە كاتتا ئەمەللەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ھۆرمەت، شەرەپ، ھەتتا بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان خىزمەت بولسىمۇ، لېكىن خەلىپە ئوسمان ئۇنى قازىلىققا تەيىنلىگەن چاغدا، ئۇنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. ئۇنىڭ رەت قىلىشتىكى سەۋەب ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قازىلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىسلامغا ئائىت مەسىلىلەردە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ سېلىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى. پەتىۋا بېرىۋاتقان ۋە شەرىئەتتىن مەسلىھەت بېرىۋاتقان باشقا نۇرغۇن ساھابىلەرگە تەسىرى بولماسلىق ئۈچۈن، ئوسمان ئۇنى قارارىنى ئاشكارىلىۋەتمەسلىككە ماقۇل كەلتۈردى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر بىر قېتىم «كېچىنىڭ قېرىندىشى» دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى. ئۇ كېچىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، ناماز ئوقۇيتتى، ئاللاھنىڭ مەغفىرىتىنى تىلەپ يىغلايتتى، قۇرئان ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ئابدۇللاھنىڭ ھەدىسى ھەفسەگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئابدۇللاھ نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم، ئەگەر ئۇ كېچىلىرى ناماز ئوقۇغان بولسا تېخىمۇ بەختلىك بولغان بولاتتى.» شۇنىڭدىن تارتىپ، ئابدۇللاھ مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى سەپەرگە چىققاندا بولسۇن، كېچىلەرنى ھەرگىزمۇ ئىبادەتسىز ئۆتكۈزىۋەتمەيتتى. كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدا ئۇ پەرۋەردىگارىنى تېخىمۇ كۆپ ئەسلەيتتى، ناماز ئوقۇيتتى، قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلايتتى. دادىسىغا ئوخشاش، ئۇ قۇرئاننىڭ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەنىسىدىكى ئايەتلىرىنى ئاڭلىسىلا يىغىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالاتتى. ئۇبەيد ئىبنى ئۆمەير مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم: ]بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپ-تۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ. (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يۇشۇرالمايدۇ[ (سۈرە نىسا 42 - 41- ئايەتلەر ). ئۇ بۇ ئايەتلەرنى ئاڭلاش بىلەنلا ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتكۈچە يىغلاپ كەتتى.» بىر كۈنى ئۇ بىر نەچچە يېقىن دوستى بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئىدى، ئۇ مۇنۇ ئايەتلەرنى ئوقۇدى: ](ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تۇلۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ. ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ.[ (سۈرە مۇتەففىفىين 1- 6 - ئايەتلەر)، ئاندىن «بارلىق ئىنسانلار پۈتۈن كائىناتنىڭ پادىشاھى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تىك تۇرىدىغان كۈنى... » دېگەن يەرنى قايتا- قايتا تەكرارلاپ يىغلاپ كەتتى، كۆپ يىغلىغانلىقتىن ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ قالدى.

ئابدۇللاھ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئىخلاسى، ئاددىي- ساددىلىقى ۋە سېخىلىقى بىلەن ساھابىلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۇ كەڭ قوللۇق بىلەن باشقىلارغا بېرەتتى، گەرچە ئۆزى ھاجەتمەن بولسىمۇ، ئۆزىدە بار نەرسىسىنى ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ئايىمايتتى. ئۇ ھاياتىدا ئىشەنچلىك سودىگەر بولۇپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا بەيتۇلمالدىن نۇرغۇن پۇل تېگەتتى. ئەمما ئۇ ئۇلارنى سېخىلىق بىلەن نامرات ۋە ھاجەتمەنلەرگە بېرىۋىتەتتى. ئەييۇب ئىبنى ۋائىل ئۇنىڭ سېخىلىقىغا ئائىت تۆۋەندىكى ۋەقەنى بايان قىلىدۇ:

«بىر كۈنى ئىبنى ئۆمەر 4000 دىرھەم پۇل ۋە بىر كۆرپە تاپشۇرۇۋالدى، ئىككىنچى كۈنى ئەييۇب ئۇنىڭ بازاردا تۆگىسى ئۈچۈن يەم - خەشەكنى نېسى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئەييۇب ئابدۇللاھنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەردىن:

— ئەبۇ ئابدۇرراھمان (ئابدۇللاھنى دېمەكچى) تۈنۈگۈن 4000 دىرھەم پۇل تاپشۇرۇۋالمىدىمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ھەئە، تاپشۇرۇۋالدى، — دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

— ئەمما مەن ئۇنىڭ بازاردا تۆگىسىگە يەم-خەشەك سېتىۋالغانلىقىنى، بىراق تۆلىگىلى پۇلى يوق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

— تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتتى. ئاندىن ئۇ كۆرپىنى مۈرىسىگە ئارتىپ چىقىپ كەتكەن، قايتىپ كەلگەندە كۆرپە يوق تۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن كۆرپىنى سورىساق، ئۇ ئۇنى بىر نامرات ئادەمگە بېرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى، — دەپ چۈشەندۈردى ئۇلار.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر باشقىلارنى نامراتلارنى، ھاجەتمەنلەرنى بېقىشقا ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇراتتى، ئۇ تاماق يېمەكچى بولسىلا، داستىخىنىغا دائىم يېتىملارنى ياكى كەمبەغەل كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ بىللە يەيتتى. بالىلىرى بايلارنى چوڭ كۆرۈپ، نامراتلارنى تۆۋەن كۆرۈپ ئۇلارنى مەنسىتمىسە، ئۇلارغا تەنبىھ بېرەتتى. بىر قېتىم ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى:

— سىلەر بايلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەمبەغەللەرنى ياراتماي تاشلىۋېتىسىلەر.

ئابدۇللاھ مال - دۇنيانىڭ قۇلى ئەمەس، بەلكى خوجايىنى ئىدى. مال- دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلا نەرسە ئىدى، ھەرگىزمۇ بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە مال- دۇنيادىن ۋە دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىدىن، راھەت- پاراغىتىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ، ئاددىي - ساددا تۇرمۇش كەچۈردى. بىر قېتىم ئۇنىڭ خۇراسانلىق بىر دوستى ئۇنىڭغا ئېسىل بىر كىيىم ئېلىپ كېلىپ:

— مەن بۇنى ساڭا خۇراساندىن ئېلىپ كەلدىم، مېنىڭچە سەن بۇنى چوقۇم ياقتۇرىسەن، ئەسكى چاپىنىڭنى سېلىۋېتىپ، بۇ چىرايلىق توننى كېيىۋال، — دېگەندە، ئابدۇللاھ:

— ئۇنداق بولسا مەن ئۇنى كۆرۈپ باقاي، — دېدى ۋە ئۇنى تۇتۇپ كۆرۈپ:

— بۇ يىپەكمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ياق، ئۇ پاختا رەخت، — دېدى دوستى. ئابدۇللاھنىڭ خۇشاللىقى تېزلا غايىپ بولدى، ئاندىن ئۇ ئوڭ قولى بىلەن توننى ئىتتىرىپ:

— ياق، مەن بۇ كىيىمنى كىيىپ، مەغرۇر بولۇپ قېلىشىمدىن ۋە ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن، ئاللاھ ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى ۋە مەغرۇرلۇق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ، — دېدى.

مەيمۇن ئىبنى مەرھەم مۇنداق دەيدۇ:

— مەن ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كىردىم، ئۇنىڭ ئۆيىدە كارىۋات، كۆرپە، گىلەم ۋە باشقا ھەممە نەرسىلەر بار دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما مېنىڭ كۆرگىنىم 100 دەرھەمگىمۇ ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەر بولدى.

بۇ ھەرگىزمۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ نامراتلىقىدىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ باي ئىدى؛ ھەمدە بۇ ئۇنىڭ بېخىل، پىخسىقلىقىدىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ كەڭ قول ۋە سېخى ئىدى.

مەنبە: ساھابىلار ھاياتى ناملىق كىتاب