ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Nisan 2021

چىكىنىڭ
«قۇرئان كەرىم»نى بىلەمسىز؟

«قۇرئان كەرىم»نى بىلەمسىز؟
 
مۇھەممەد يۈسۈپ
 
«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ، مۇئمىن ئادەمنىڭ دىلىنى پارلىتىدىغان، يولىنى يورۇتىدىغان نۇردۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئىززىتى ياكى ئاجىزلىقى ۋە خارلىقى مۇشۇ كىتاب بىلەن بولۇپ كەلدى. مۇسۇلمانلار بۇ كىتابقا چىڭ ئېسىلغان ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھاياتىغا تەتبىق قىلغان زامانلاردا كۈچلۈك ۋە ھۆرمەتلىك بولۇپ ياشىدى، ئەمما ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ روھىدىن يىراقلىشىپ، ئۇنىڭ لەۋزىنى يادلاپ، مەنىسىنى ئۇنتۇپ قالغان دەرۋلەردە ئاجىزلاشتى ۋە خارلاندى.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بولۇشى
«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئاۋۋال لەۋھۇلمەھپۇزغا چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭدا ساقلانغان. «قۇرئان كەرىم»نىڭ لەۋھۇلمەھپۇزغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا ساقلانغانلىقى ئۇنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭمۇ قەتئىي ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلىپ لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان ئىشلار قەتئىي ئۆزگەرمىگەندەك، «قۇرئان كەرىم»مۇ ئۆزمەرمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم» شۇنىڭدىن كېيىن لەۋھۇلمەھپۇزدىن بىرىنچى ئاسماندىكى «بەيتۇلئىززەت» دېگەن جايغا چۈشۈرۈلگەن. «إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ» يەنى «شەكسىزكى، بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسى چۈشۈردۇق» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيىنىڭ 610 _ يىلى مەككىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىملىق ۋەھيى بىلەن نازىل بولۇشقا باشلىغان. بۇ رامىزان ئېيىنىڭ 17 كۈنى بولۇپ، 21- ياكى 24- كۈنى ئىدى دېگەنلەرمۇ بار. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توپتوغرا 40 ياشتا ئىدى. شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ يەنى«(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى روشەن (ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان چۈشۈشكە باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر» دېگەن ئايەت «قۇرئان كەرىمنىڭ چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقتىنى بايان قىلىدۇ.
قۇرئان ئاۋۋال شۇنى بىلىش كېرەككى، قۇرئان كەرىم بىرەر پەن ـ تېخنىكا كىتابى ئەمەس، ياكى ئۇ كائىناتنىڭ سىر-ئەسرارلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن كىتابمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە، قانۇن-تۈزۈم كىتابىدۇر. ئۇ ئىنسانلارغا پەن ـ تېخنىكىدىن مەلۇم ماۋزۇلاردا يىپ ئۇچى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ. دېمەك، قۇرئان كەرىم ئومۇمىي قانۇنىيەتلەرنىڭ خۇسۇسىي يىپ ئۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەتنىڭ يوللىرىغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ھىدايەت مەنبىئى قىلىپ چۈشۈرگەن. إِنَّ هَذَا الْقُرْآَنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا «بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ»( ).
ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
ۋەھىي _ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان تەلىماتى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىنى ئىنسانغا بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. «قۇرئان كەرىم» دە: ﴿أوحى﴾ يەنى «ۋەھىي قىلدى»، ﴿كلم﴾ يەنى «سۆزلىدى»، ﴿قال﴾ يەنى «ئېيتتى»، ﴿أمر﴾ يەنى «بۇيرۇدى»، ﴿القى﴾ يەنى «تاشلىدى»، ﴿أنزل﴾ يەنى «نازىل قىلدى (يەنى چۈشۈردى)»، ﴿نادى﴾ يەنى «نىدا قىلدى» قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ۋەھىينىڭ يوللىرى بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: ﴿ئاللاھ بىر ئىنسانغا پەقەت ۋەھىي يولى بىلەن ياكى پەردە ئارقىسىدىن سۆزلەيدۇ، ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىدۇ﴾ .
ۋەھىي ئۆزى بىلەن ئەڭ ئاۋۋال تونۇشقان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش تەرزىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە، ئىناقسىزلىقتىن بىرلىككە، نادانلىقتىن ئىلىم _ مەرىپەتكە، ئاجىزلىقتىن كۈچ _ قۇۋۋەتكە تەدرىجىي ئېلىپ بارغان ئىدى. چۈنكى ۋەھىي يېڭى بىر ھاياتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان ئىلاھىي قانۇندۇر. زادى ۋەھىينىڭ غايىسى ئىنساننى مەركەز قىلغان بىر ھايات، ئىماننى مەركەز قىلغان بىر ھايات، ئىلىم _ مەرىپەتنى مەركەز قىلغان بىر ئىمان ۋە ھەقىقەتنى مەركەز قىلغان ئىلىم _ مەرىپەت ئىدى. شەكسىزكى، ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ئاللاھ تائالادۇر. ۋەھىينىڭ روھى بىلەن پارلاق بىر ھاياتقا ئېرىشكەن ساھابىلەر بارلىق ئەخلاق _ پەزىلەتتە، ھەقىقەتنى نامايان قىلىشتا، ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشتا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ۋايىغا يەتكەن ۋە پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىگە ئۆچمەس ئۈلگىلەرنى ياراتقان ئىدى.
مۆجىزە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
مۆجىزە _ پەيغەمبەرلەرنىڭ راستىنلا ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن دەلىل، ئىسپات ۋە پاكىت دېمەكتۇر.
ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەرنى يېتەرلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتكەن. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا «ئوتتا كۆيمەس مۆجىزىسى»نى بەرگەن، بابىل پادىشاھى نەمرۇد ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى چوڭ بىر ئوت دۆۋىسىگە ئاتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەھشەتلىك ئوت ئىچىدە تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ نە بەدىنى، نە تېرىسى كۆيمىگەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قولى چىراقتەك يانىدىغان، ھاسىسى ئەجدىرھاغا ئايلىنىدىغان مۆجىزىلەرنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، ئاق كېسەلنى ساقايتىدىغان، تۇغما كورنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان مۆجىزىلەرنى بەرگەن. بۇلار «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردا قەيت قىلىنغان. ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ نۇرغۇن مۆجىزىلەر بېرىلگەن. ئۇنىڭ ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە پەرقلىق ۋە تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان بىردىنبىر جانلىق مۆجىزە _ قۇرئاندۇر.
مۆجىزىلەر ئەزەلدىن ھەربىر دەۋر ۋە جەمئىيەتنىڭ شارائىتىغا قاراپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان نەرسىنىڭ جىنسىدىن بولۇپ، ئۇنى بېسىپ چۈشىدىغان ئالاھىدە پەرقلىق ئۈستۈنلۈكى بىلەن كەلگەن. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزە ئاتا قىلىشتىكى پرىنسىپىدۇر. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا مۆجىزە ئەۋەتىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايتتى. چۈنكى بىر پەننى بىلمىگەن خەلققە باشقا بىر پەن بىلەن دۇئىل ئېلان قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى بولمايتتى. بەلكى دۇئىل ئۇلارنىڭ تەرەققى قىلىپ ئەڭ ئۇچىغا چىققان نەرسىسىنىڭ جىنسىدىن بولغاندىلا ئۇنىڭ قىممىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن: پىرئەۋننىڭ زامانىدا سېھىرگەرلىك ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا شۇ زاماننىڭ تەقەززاسىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن سېھىرلەرنى بەربات قىلىپ، سېھىرگەرلەرنى مات قىلىدىغان مۆجىزە ئاتا قىلغان. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى تېببىي جەھەتتە زور يۈكسەلگەن بىر دەۋر بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئۇستا دوختۇرلىرىمۇ ساقايتالمىغان ئاق كېسەلنى، تۇغما كورنى ساقايتىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرىدىغان مۆجىزىنى ئاتا قىلغان.
ئەمما ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئەرەبلەردە ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانىدى. ئەرەبلەر چوڭ _ كىچىك ھەممىسى بىردەك شېئىرخۇمار خەلق ئىدى. ئۇلار ھەر يىلى مەلۇم بىر كۈننى بەلگىلەپ «ئوكاز» بازىرىدا بارلىق مەشھۇر ئەدىبلەر ۋە شائىرلار ماھارەت كۆرسىتەتتى. «ئوكاز» ئەينى زاماندا شائىرلارنىڭ شېئىر سورۇنىغا ئايلانغانىدى. ئەرەبلەرنىڭ شېئىرىيەتكە بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى: بىر تەرەپتىن، ئۇلار قۇملۇق سەھرالار ۋە يايلاقلاردا ھايات كەچۈرىدىغان خەلق بولغاچقا، تەبىئەتنىڭ ھەرخىل مەنزىرىلىرى ئۇلارنى شېئىر ۋە غەزەللەرنى ئېيتىشقا ئۈندەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەبلەردە ئومۇمىي بىرلىك بولماستىن، ئۇلار قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ھەربىر قەبىلە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى شېئىر ۋە غەزەللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ پەخىرلىنىش ۋە شېئىر بىلەن رەقىبلىرىنى سۆكۈش، ھەتتا بۇ سەۋەبتىن بىر _ بىرىگە قارشى چوڭ ئۇرۇشلارنى باشلىتىش قاتارلىق مۇددىئالار بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزەتتى. شۇڭا ئۇلار ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تۇيۇنغان بەدىئىي شېئىرلارغا ۋە تالانتلىق شائىرلارغا زور ئېھتىياجلىق ئىدى. قىسقىسى، ئۇلار شېئىر بىلەن كۆتۈرۈلەتتى، شېئىر بىلەن چۈشەتتى. بەزى بەدىئىي شېئىرلىرىنى كەئبىكە ئېسىش بىلەن پەخىرلىنەتتى.
«قۇرئان كەرىم» مەڭگۈلۈك مۆجىزىدۇر
شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، «قۇرئان كەرىم» ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن دۇنياغا نۇر چاچقان، بەدىئىيلىك ۋە ئەدەبىيلىك جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھالدا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنىشى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى «ئەرەب _ (تىلى راۋان) » باشقا مىللەتلەرنى «ئەجەم _ (تىلى راۋان ئەمەس) » دەپ مەغرۇرلانغان ئاتاغلىق ئەدىبلىرى بىلەن تالانتلىق شائىرلىرىنى سەھنىدىن چۈشۈردى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ جىمى ئەرەبلەرگە دۇئىل ئېلان قىلىشى ئىدى. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئالدىدا خۇددى چۈش ۋاقتىدا قۇياشقا تىكىلىپ قارىغان كىشىنىڭ كۆزى خىرەلىشىپ قالغىنىدەك، ئەقىللىرى خىرەلىشىپ بارچە ماھارەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھالدا گاڭگىراپ قالدى.
ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى
«قۇرئان كەرىم»دىكى ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى ئۇلارنىڭ نازىل بولۇش تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئاساسەن رەتلەنگەن. شۇڭا فاتىھە سۈرىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ دەسلەپ نازىل بولغان سۈرە ئەمەس. بەلكى ئەڭ دەسلەپ نازىل بولغىنى ئەلەق سۈرىسى بولۇپ، ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ 30 _ پارىىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان ئوقۇتۇشى
جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بىر قېتىم باشتىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشتىن ئاخىر تىڭشايتتى. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى رامىزان ئېيىدا، ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم»نى ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، ئىككى قېتىم تىڭشىغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «جىبرىل ماڭا قۇرئاننى ھەر يىلى بىر قېتىم ئوقۇپ بېرەتتى، بۇ يىل ئىككى قېتىم ئوقۇپ بەردى، بۇنىڭدىن ئەجىلىمنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىۋاتىمەن» دېگەن ( ).
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ساقلىنىشى
ئاللاھ تائالا ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان پېتى ساقلاشنىڭ پۈتۈن شەرت _ شارائىتلىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى نازىل بولغان پېتى ساقلاپ، ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارغا سالامەت يەتكۈزگەن. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» ھەر قانداق بىر ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بۇرمىلاشلاردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ، بىزلەرگىچە ئۆز پېتى بىلەن يېتىپ كەلگەن يېگانە كىتابتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى نازىل بولغان پېتى ساقلاش ئىشىدىكى ھوشيارلىقى ۋە چېكىگە يەتكەن ئېھتىياتچانلىقى دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋال. بۇنىڭغا مۇسۇلمان ئەمەس ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ گۇۋاھ.
شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم» يادقا ئېلىش ۋە يېزىپ قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى يول بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»دىن نازىل بولۇپ تۇرغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ساھابىلارغا يادقا ئالدۇرۇش ۋە تېرىلەرگە، خورما يوپۇرماقلىرىغا يازدۇرۇش ئارقىلىق ساقلاپ كەلگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى نازىل بولۇۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدىلا يادقا ئېلىۋېلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەتتا جىبرىل ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ شۇ لەھزىنىڭ ئۆزىدە يادلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتاتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئۇنىڭغا تولۇق ئۆگىتىپ توپلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى مۇنۇ ئايەت بىلەن خاتىرجەم قىلغان: ﴿ لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ . إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآَنَهُ . فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآَنَهُ . ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ ﴾ يەنى ﴿ (ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. چۈنكى ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. شۇڭا، بىز ئۇنى (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر﴾ ( ).
«قۇرئان كەرىم»نىڭ توپلىنىشى
«قۇرئان كەرىم» بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا بىر يىلمۇ توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە، يەنى ھىجرىيەنىڭ 12 _ يىلى (631 _ مىلادى) يەمامە ئۇرۇشىدىن كېيىنلا رەسمىي كىتاب شەكلىدە توپلانغان.
بۇ پىكىرنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان، ئاندىن ساھابىلارنىڭ ئۆلىمالىرى بۇ ئىشقا ھەممە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. «قۇرئان كەرىم»نى كىتاب شەكلىدە توپلاپ چىقىش ئىشىنى زەيد ئىبنى سابىت باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ساھابىلار ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا «كۇتتابۇلۋەھىي» يەنى (ۋەھىينى يازغۇچىلار كومىتېتى)نىڭ ئەزالىرى ئىدى.
«كۇتتابۇلۋەھىي» كومىتېتى
زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخسۇس كاتىبى ۋە «كۇتتابۇلۋەھىي» كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، قارىيلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى، پەۋقۇلئاددە زېرەك، ھۇشيار ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى كىشى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭدىن كېيىن خەلىپىلەر ئۇ كىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس كاتىب قىلىپ ئىشلەتكەن. زەيد ئىبنى سابىت جىبرىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باشتىن ئاخىر ئوقۇپ بېرىپ، يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ھازىر بولۇش شەرەپىگە نائىل بولغان، ئىشەنچلىكلىكى، ئېھتىياتچانلىقى ۋە تەقۋالىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قايىل قىلغان ساھابىلارنىڭ بىرى ئىدى.
«كۇتتابۇلۋەھيى» كومىتېتىىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى توپلاشتىكى ئۇسۇلى
زەيد ئىبنى سابىت باشچىلىقىدىكى«كۇتتابۇلۋەھىي» كومىتېتى ئەزالىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى توپلاپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈشتە دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، «كۇتتابۇلۋەھىي» كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تېرىلەرگە، سىلىق تاشلارغا، خورما دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىغا ۋە يوپۇرماقلىرىغا، شۇنداقلا سۈڭەكلەرگە يېزىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى قارىيلارنىڭ يادلىغانلىرىغا بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ، ھەر بىر قارىيدىن تىڭشىغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ توغرىلىقىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە يېزىپ ساقلانغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا يېزىلغانلىقىغا ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئېلىشنى شەرت قىلغان. ئۇلار ھەر بىر ئايەت ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇنىڭ دەپ بېرىشى بىلەن يېزىلغانلىقىغا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى گۇۋاھچىنى قەسەم قىلدۇراتتى، ئاندىن شۇ ئايەتنىڭ ئۆزىنى قارىيلاردىن تىڭشاپ كۆرەتتى، قارىيلارنىڭ ئوقۇغىنى بىلەن يېزىلىپ ساقلانغىنى ئەينەن چىقسا، ئاندىن ئۇنى رەسمى «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى قاتارىدىن ساناپ توپلاپ ماڭاتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا رەتلەپ قويغان تەرتىپ بويىچە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىزىپ چىقىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن.
«كۇتتابۇلۋەھىي» كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا ۋەھىيلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا ۋە كېيىنچە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى توپلاشقا بەلگىلەنگەن «كۇتتابۇلۋەھىي» كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ساھابىلارنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قارىيلىرىدىن تاللاپ چىقىلغان ئەڭ تەقۋادار، ئەڭ ئالىم، ئەڭ ھوشيار ۋە ئەڭ ئېھتىياتچان شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىنى جەملەپ، ئۇلارنى كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش ئىشىغا ساق بىر يىل كەتكەن. ساھابىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى «قۇرئان كەرىم»نى يادقا بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا «قۇرئان كەرىم»نى كىتاب شەكلىدە توپلاپ ئوقۇشقا زور ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئېغىزدىن _ ئېغىزغا يۆتكىلىپ يۈرگەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ھەتتا ئۇنى يادقا ئالمىغان ساھابىلار ئۈچۈنمۇ تونۇشلۇق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان يىلى ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش پىلانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مۇرتەد ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن بولغان، تارىختا «يەمامە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتا ساھابىلاردىن كۆپ كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، ھەتتا قارىيلاردىن بۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا 70تىن كۆپرەك كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان قارىيلار تۈگەپ كەتسە ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ قەلبلەردىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش خەۋپىنى ھېس قىلغان. شۇنداق قىلىپ ساھابىلار قارىيلارنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ قەلبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى رەتلەپ قويغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ تەرتىپى بويىچە كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈپ توپلاش قارارىغا كەلگەن.
«قۇرئان كەرىم» نۇسخىلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى
«قۇرئان كەرىم» ھىجرىيىنىڭ 25 _ يىلى (645 _ مىلادى) ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، ئۇنىڭ مەخسۇس پەرمانى بىلەن نۇسخىلاندۇرۇپ كۆپەيتىلگەن. «قۇرئان كەرىم» نى نۇسخىلاندۇرۇپ كۆپەيتىش پىكرىنى قارىيلارنىڭ پېشىۋاسى ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پىكىرنى خەلىپىدىن باشلاپ پۈتۈن ئۆلىمالار قوللىغان. «قۇرئان كەرىم»نى ھەربىر قارىينىڭ ئۆزى مەنسۇب بولغان شىۋىدە ئوقۇشى ۋە ھەربىر قارىينىڭ ئۆزى ئوقۇغان شىۋىنى ھەممىدىن ئەۋزەل سانىشى نەتىجىسىدە چىققان ئىختىلاپنى يوق قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ھەممە بىر خىل قىرائەت ۋە بىر خىل شىۋىدە ئوقۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۇنى بىرلا قۇرەيش شىۋىسىدە نۇسخىلاپ، ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىگە بىر نۇسخىدىن ئەۋەتكەن.
«قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇش ئۇسۇلى
«قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاش ئىشىنى «كۇتتابۇلۋەھىي» كومىتېتىنىڭ رەئىسى زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، سەئىد ئىنبى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىس قاتارلىق قارىي ساھابىلار ئۈستىگە ئالغان. «قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇشقا بەلگىلەنگەنلەر بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا توپلانغان «قۇرئان كەرىم» نۇسخىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدىن سوراپ ئېلىپ كېلىپ، نۇسخىلارنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇشۇ نۇسخىسىغا ئاساسلىنىپ نۇسخىلاندۇرغان، ئاندىن ئەسلى نۇسخىنى يەنە ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بېرىپ، يېڭى نۇسخىلاردىن بىرىنى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ قالغانلىرىنى ئىسلام ئەللىرىدىن ھەر بىرىگە بىر نۇسخىدىن بىر قارى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىپ بەرگەن ۋە ھەر جايدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇشۇ نۇسخىسىنى ئوقۇش توغرۇلۇق مەخسۇس پەرمان چىقارغان. ئاندىن مۇشۇ قېتىم نۇسخىلارغا كۆپەيتكەندىن باشقا قۇرئان دەپ سانالغانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.
ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا نۇسخىلاندۇرغان «قۇرئان كەرىم» زامانىمىزدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇلۇۋاتقان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىدۇر. بۇ نۇسخا «مۇسھەف ئوسمانى» (ئوسمانىي قۇرئان) دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا كۆپەيتىلگەن «قۇرئان كەرىم» نۇسخىلىرى بەش ئىدى دېگەنلەرمۇ ۋە ئالتە ئىدى دېگەنلەرمۇ بار. ئەمما خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىسىر، بەھرەين، يەمەن، مەككە، بەسرە قاتارلىق شەھەرلەرگە بىردىن «قۇرئان كەرىم»نى بىردىن قارى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتكەنلىكى ئېنىق.
ھەزرىتى ئوسمان زامانىدىكى قۇرئاننىڭ قوليازما نۇسخىلىرى
ھەزرىتى ئوسمان زامانىدا توپلىنىپ ۋە ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىگە ئەۋەتىلگەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەسلى نۇسخىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقاپ كەتكەن. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى قوليازما نۇسخىلاردىن بىرى ھازىر مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە، يەنە بىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى توپقاپى سارىيى «مۇقەددەس ئامانەتلەر مۇزىيى»دە، يەنە بىر نۇسخىسى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى «مۇسۇلمانلار ئىدارىسى»نىڭ كۇتۇبخانىسىدا، تامغا ئورنىتىلغان مەخسۇس ئەينەك ساندۇقنىڭ ئىچىدە ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

باشقا خىزمەتلەر