ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى

ماتېرىيال رەسىم: «خوتەن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك تەربىيلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسى»نىڭ دەرۋازىسى، 2018- يىلى 5- دىكابىر. 

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» (Uyghur Forced Labor Prevention Act) لايىھەسى 22- سىنتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل مارتتا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى ئون نەچچە نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئورتاق ئىمزاسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرا كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەك گاۋېرن، مەزكۇر كومىتىتنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە مەزكۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزاسى كرىس سىمىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، كارخانىلار ئېنىق ۋە ئىشەنچىلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى تەمىنلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك يوقلۇقىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ. 

22- سىنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇشتا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 3 كە قارشى 406 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى. 

بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلىدۇ ۋە ماقۇللانغان تەقدىردە پرېزدېنتنىڭ ئىمزالىشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ. 

بۇندىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»نى ماقۇللىغان ۋە بۇ يىل 6- ئايدا پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي يولغا قويۇلغان ئىدى. 

ئۆتكەن ھەپتە، ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ ھەپتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا دائىر ئىككى قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. يەنە بىر قانۇن لايىھەسى بولسا «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» بولۇپ، بۇ يىل 3- ئايدا دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا بازارلىرىدىكى كارخانىلاردىن تەمىنلەش زەنجىرىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. 

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتاي بېشىدا رەت قىلىپ، كېيىن «كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىمۇ خەلئقارادا زور تەسىر قوزغىدى. 

يېقىندا خىتاي «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئىلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. لېكىن مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ كىتابىدىكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىلدا ئوتتۇر ھېساب بىلەن 1 مىليون 288 مىڭ كىشى كەسپىي تەربىيە قوبۇل قىلدى» دېگەن مەلۇماتقا ئاساسەن، خىتاينىڭ 2014- يىلدىن بۇيان 8 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

http://turkistantimes.com/uy/news-13588.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر